• بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-07 05:04
  • بېكھام بىلەن ئىبراھىموۋىچ شىۋېتسىيە بىلەن ئېنگلاندنىڭ مۇسابىقىسىدە شەرتلەشتى

    بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 22:00 دە ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئىبراھىموۋىچ بىلەن بېكھام ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە ۋاستىسىدا ئۆز-ئارا شەرتلەشتى.

    ئىبراھىموۋىچ ئۆزىنىڭ ئالاقە ۋاستىسىدا مۇنداق دېدى :«ھېي، بېكھام! ئەگەر ئېنگلاند كوماندىسى غەلبە قىلسا مەن سېنى دۇنيادىكى سەن بېرىشنى خالايدىغان ھەرقانداق جايدا كەچلىك تاماق بىلەن مېھمان قىلىمەن، ئەگەر شىۋېتسىيە غەلبە قىلسا سەن ماڭا IKEA ئائىلە جابدۇقلىرى تاللا بازىرىدىن مەن ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئېلىپ بەر، قانداق؟»

    كېيىن بېكھاممۇ ئالاقە ۋاستىسىدا جاۋاب قايتۇردى :«ئەگەر شىۋېتسىيە كوماندىسى غەلبە قىلسا مەن ساڭا IKEAدىن سېنىڭ لوس-ئانجىلېسدىكى ئۆيۈڭگە كېرەكلىك ھەرقانداق نەرسىنى ئېلىپ بېرىمەن، ئەگەر ئېنگلاند كوماندىسى غەلبە قىلسا سەن ۋېمبېلي پۇتبول مەيدانىغا كېلىپ ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيمىنى كىيىپ ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈشىڭنى ھەم ئوتتۇرا مەيدان دەم ئېلىش مەزگىلىدە قورۇلغان بېلىق قەلەمچىسى يېيىشىڭنى خالايمەن.»

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك