• شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

  • يوللىغۇچى : aynur
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 01:34
  • شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «فېدېراتسىيە خەۋەرلىرى گېزىتى»، «خەلق گېزىتى»دە، «بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى تەڭ يارىتايلى» تېمىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئىككى مىڭ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئەجدادلىرىمىز قەدىمى يىپەك يولى ئارقىلىق، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، سىرداش دوستلاردىن بولغان. 1984-يىلى جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئۆتكەن 34 يىل ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئەلئارا ئالاقىسى جانلانغان مەزگىل، ئىككى دۆلەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، ياۋروپا، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تەرەققىيات مۆجىزىسى يارىتىلغان مەزگىل، ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يول ئۈستىدە ئىزدەنگەن مەزگىل. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، سىياسەت نىشانىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھەمكارلىق رىشتىسى بارغانسېرى چىڭىپ، تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدىكى ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان سەمىمىي دوستلارغا، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان، ماسلىشىدىغان مۇھىم شېرىكلەرگە ئايلاندى. 2015-يىلى 12-ئايدا مەن ئەبۇزەبىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەد بىلەن جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىدا بىر يۈرۈش بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كېڭەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا تارىخى قەدەم تاشلاندى، يۇقىرى يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەدرىجىي باشلاندى، پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى- مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن زىيارەتتە بولىدىغان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزۈپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى كۈتىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ، سەمىمىي، ئۆز-ئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي تۆھپە قوشۇشىنى، تەڭ پايدا كۆرىدىغان، تەڭ بەھرىلىنىدىغان ھەمكارلىق شېرىكلىرىدىن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قۇرساق، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، تەڭ پايدا كۆرىدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا ئەينەك قىلىدىغان ئالماشتۇرۇش شېرىكلىرىدىن بولۇپ، ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت سۆزلىشىشىنىڭ ئۆرنەك قىلىشىدىكى كۆۋرۈك بولۇشنى، ئەمەلىيەتنى ئالدىن ئۆتكۈزىدىغان يېڭىلىق يارىتىش شېرىكلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى دۆلەت خەلقى بىرلىكتە قوللاپ ۋە بىرلىكتە قاتناشقاندىلا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا كۆرۈش يېڭى تارىخىنى جەزمەن يارىتىپ، ئورتاق دۇنيا، ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشالايمىز.

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك