• ئىنېستا تېتىك ھالەتتە ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 01:56
  • ئىنېستا تېتىك ھالەتتە ياپونىيەگە يېتىپ بېرىپ 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلدى

    ئىسپانىيەلىك توپچى ئىنېستا تۈنۈگۈن سەھەردە مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ياپونىيەگە يېتىپ كەلدى، بۇمۇ ئۇنىڭ 24-مايدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

    گەرچە قاق سەھەر بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا 300 نەپەر پۇتبول مەستانىسى ۋە 80دىن ئارتۇق مۇخبىر نەق مەيدانغا كېلىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى. قارىماققا ئىنېستا ئىنتايىن تېتىك كۆرىنەتتى، ئۇ قىزغىن ھالدا توپ مەستانىلىرىغا قول پۇلاڭشىتىپ قوللىغانلىقىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى. 

    ئىنېستا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كەيپىياتى توغرىسىدا توختىلىپ: «كەيپىياتىم خېلى ياخشى، گەرچە يول ئازابى بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيەگە كېلىپ يېڭى سەپداشلىرىم بىلەن بىللە مەشىققە قاتنىشىش مېنى ھەرىكەتلەندۈرگەچ كۈچكە ئىگە قىلدى. مېنىڭ تېزراق مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگۈم بار، 22-ئىيۇلدىكى مۇسابىقە ئۈچۈن كەيپىياتىمنى ئوبدان تەڭشەيمەن، توپ مەستانىلىرىغا قىززىغان مۇسابىقە تەقدىم ئېتىش مېنىڭ ئارزۇيۇم» دېدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك