• رېژىسسوردىن تىل ئاڭلىغان ئايال چولپانلار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 09:59
  • رېژىسسوردىن تىل ئاڭلىغان ئايال چولپانلار

    ھەممە ئادەم چولپانلارنى كۈندە ئازراق رول ئېلىپ قويسا، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قويسىلا پۇل دېگەن كىرىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ ئاسماندىن پوشكال ياغىدىغان ئىش بولسۇن؟ ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىلىرى بولغان، تۆۋەندە بىز بىر قانچە ئالقىشلىق ئايال چولپانلاردىن باشلاپ سۆزلەيلى.

    ياڭ مى

    ئۇ ھازىر ناھايىتى ئالقىشلىق، ئۆزى چىرايلىق، بەدەن شەكلى ياخشى، رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن تاماشا چەمبىرىكىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتخانىسىنىڭ ئىشلىرىمۇ ناھايىتى يۈرۈشۈۋاتىدۇ، بۇ قاتاردا ئۇ دىلرابا قاتارلىق ئارتىسلارنى يېتىشتۈردى. ياڭ مى بىر پىروگىراممىدا كىچىك ۋاقتىدا رول ئالغاندا يىغلايدىغان رولنى ئالالمىغاچقا رېژىسسور ئۇنى تىللىغان، تىللاپ بولۇپ يەنە ئۇرغان. بۇ قايسى قاپ يۈرەك رېژىسسوردۇ؟

    دىلرابا

    ئۇ مەيلى رول ئېلىش ياكى كىيىم ماسلاشتۇرۇشتا بولسۇن ناھايىتى قۇسۇرسىز چولپان، ئەمما ئۇ «كاراتلىق مۇھەببەت» نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا گاۋ ۋېننىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلالمىغاچقا رېژىسسور ئۇنى تىللاپ كەتكەن. ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تاماشا چەمبىرىكىگە كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان بولۇپ، روللارنى تازا ئىگىلەپ كېتەلمەيتتى. رېژىسسور ئۇنى تىللىغاندا لاغىلداپ تىتىرەپ كەتكەن.

    ليۇ رويىڭ

    «ھالرەڭ قىزلار» تىياتىرىدىكى توي تەلۋىسىنىڭ رولىغا چىقىپ، ھەممىگە تونۇلغان. ئۇ ھازىر ئارتىس، ناخشىچى، رېژىسسور بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ داڭقى چىقتى. لېكىن ليۇ رويىڭ ئەينى يىلى رېژىسسورنىڭ تىللىشىغا ئۇچرىغان، ئۇ مەلۇم بىر تىياتىرنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا چىراي ئىپادىسى جايىدا بولماي، ھەمىشە خاتالىق چىقارغان. رېژىسسور ئۇنى: «سەن زادى رول ئېلىشنى بىلەمسەن-يوق؟» دەپ تىللاپ كەتكەن.

    جېڭ شۇاڭ

    ئەينى يىلى جېڭ شۇاڭ «ئاقار يۇلتۇزنى بىللە كۆرەيلى» تىياتىرى بىلەن تازا داڭلاندى، لېكىن ئۇ مۇشۇ تىياتىردا رول ئالغاندا رېژىسسور ئۇنىمۇ بەك تىللىغان. بۇ تىياتىر جېڭ شۇاڭنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، ئەمدى بۇ ساھەگە كىرگەن جېڭ شۇاڭ بىر قېتىملىق سۆيۈشىدىغان كۆرۈنۈشكە چىققاندا بەك بىئارام بولغان. لېكىن جېڭ شۇاڭنىڭ دىلغۇللۇقىدىن رېژىسسور بەك نارازى بولۇپ: «خان ئاچا! سىزگە بىرسى پوخۇرلۇق قىلىۋاتمايدۇ» دەپ بىر مۇنچە سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان.

    توڭ لىيامۇ ھازىر ئالدىنقى قاتاردىكى ساھىبجاماللاردىن، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىنى رېژىسسور باشتا ياراتماي ئۇنىڭغا: «سىزنىڭ چىرايىڭىز نېمىشقا بۇنداق؟ چولپانلىققا يارىمايدىكەن، كېيىنمۇ سىز ئۈزۈپ چىقالمايسىز» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالىمىز، قانداق كۆزى كور رېژىسسور بولغىيتى ئۇ؟

    جاۋ لىيىڭ

    جاۋ لىيىڭنىڭ تىرىشچانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق، جاۋ لىيىڭ تاماشا ساھەسىدە ئاز جاپا تارتمىغان، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىقىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغان. چۈنكى بىرى ئۇ بۇ كەسپنى مەخسۇس ئوقۇمىغان، يەنە بىرى سەھرادىن كەلگەن، ئارقا تېرىكى يوق. جاۋ لىيىڭ مەلۇم بىر پىروگىراممىدا ئاشكارىلىشىچە، ئىلگىرى مەلۇم بىر رېژىسسور ئۇنىڭدەك يۈزى يۇمىلاق كەلگەنلەر باش رولغا يارىمايدۇ دېگەن.

    مەنبەسى :نۇر


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك