• 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

  • يوللىغۇچى : دىلرابە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-07-20 09:34
  • 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

    1. ليۇ مىنتاۋ

    1976-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئايال ئارتىسى. 2015-يىلىدىكى قىزغىن قويۇلغان «نىقابلانغۇچى» (伪装者) ۋە «لاڭيا تىزىملىكى» (琅琊榜) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ بىر قالتىس ئارتىس، بىلىملىك، ئەمەلىيەتچىل ئايال. ئۇنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرىنىڭ ھەممىسى چىن يۈرىكىدىن چىقىدىغان چىن ۋە ھەقىقىيدۇر.

    2. لىن شىنرۇ

    1976-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو-تەيۋەن ئايال ئارتىسى، ناخشىچى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىگۈچىسى. 1998-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان «مەلىكە خۇەنجۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «شيا زىۋېي»نىڭ ئوبرازى بىلەن داڭلىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كېيىنكى يىلى «مەلىكە خۇەنجۇ 2»نى ئىشلىگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرى كۆرۈلۈش رېكورتىنى ياراتقان. 2001-يىلى ئۇ رول ئالغان مىنگو دەۋرى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» مۇ يىللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈلۈش چېمپىيونى بولغان. ئۇنىڭ مەپتۇن قىلارلىق بىر جۈپ كۆزى، كىشىنى مەستخۇش قىلغۇدەك كۈلۈشلىرى مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىنى رام قىلغان.

    3. لى شياڭ

    1976-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى خۇنەن چاڭشادا تۇغۇلغان، جۇڭگو مېدىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، رىياسەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى. 1997-يىلى خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «شادلىق لاگېرى» ناملىق پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 2003-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ مەملىكەتلىك سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرى سو فۇرۇي كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رىياسەتچىلەرنىڭ چېمپىيونى بولغان. لى شياڭ ھەمىشە كىشىگە چاقماقتەك تېز تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا، ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىنىڭ «چوڭامى» بولىدىغان ئۇ كەسپىنىڭ يۈكسەك مەزگىلىدە «شادلىق لاگېرى»دىن ئايرىلىپ، بوغچىسىنى يۈدۈپلا سودا سا