• ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 5100 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-13 07:01
  • ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 5100 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ

    8- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنى تونۇشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتناشقان 62 دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭغا قاتناشقان 45 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى ئەمەلگە ئاشۇردى.

      خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ چىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۇقتىلىق ھالدا ئۆزئارا بىرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقى سۇپىسىنى كېڭەيتىش، قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ، ساھەلەر بويىچە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

      «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاۋىياتسىيە ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز رۇسىيە، ئەرمېنىيە، ھىندونېزىيە، كامبودژا، بېنگال، ئىسرائىلىيە، موڭغۇلىيە، مالايشىيا ۋە مىسىر قاتارلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئاۋىياتسىيە سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 45 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەمدە ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن 5100 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00