• مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرىدىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-16 09:37
  • مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرىدىكەن


    بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئارگېنتىنا TNT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېسسى ئارگېنتىنا دۆلەتلىك كوماندىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرىدىكەن، كوماندا باش قوماندانى مۇقىملىشىپ، مۇۋاپىق پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا كوماندىغا قايتىشى مۇمكىنكەن.

      TNTنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ نۆۋەتكى باش قوماندانىغا ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە دۆلەتلىك كوماندىغا قايتمايدىغانلىقىنى، بىر مەزگىل ئارام ئالىدىغانلىقىنى، دۆلەتلىك كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىگىمۇ قاتناشماي تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
      TNT يەنە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن دۆلەتلىك كوماندىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى، بىراق، ئۇنىڭ ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاپىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
      نۆۋەتتە، ئارگېنتىنا كوماندىسى 9-ئايدا كولومبىيە كوماندىسى ۋە گۋاتېمالا كوماندىسى بىلەن بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ، بىراق مۇقىملاشقىنى مېسسى بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمايدۇ. پەقەت دۆلەتلىك كوماندىنىڭ باش قوماندانى مۇقىملاشقاندا، مۇۋاپىق پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا دۆلەتلىك كوماندىغا قايتىشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك