• ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-18 07:58
  • ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى

    «S» شەكلىگە ئوخشايدىغان جەنۇبىي ئازادلىق يولى سەنشىخاڭزىدىن دۆڭكۆۋرۈككىچە بولغان يول بۆلىكىدە، ئاپتوموبىل يولى ئەسلىدىكى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىدىن ھازىرقى قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەردى.

      شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شىن، جاڭ ۋەندې، پىراكتىكانت لى چۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى نىڭ جياڭخەي خەۋىرى، فوتوسى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا 3 يىلغا يېقىن قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنغاندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى. شۇ كۈنى سائەت 18:00 لەردە قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولى بولغان جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭغانلار قاتناش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بىلەن دۆڭكۆۋرۈككە بارغاندا ئايلىنىپ ماڭمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 10-ئايدا نەنمېن بىلەن تاشقى ئايلانما يولى ئىتتىپاق يولى كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇرىدىغان جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە تاكسى، شەخسىي ئاپتوموبىللار كىرىپ چىققاندا ئايلىنىپ ماڭاتتى.

      ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەڭرىتاغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى شىنخۇا يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن مىڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يول شارائىتى ياخشىلانغاندىن سىرت، يول بويىدىكى كوچا مەنزىرىسىمۇ ياخشىلاندى، شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەر جەھەتتىن زور قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى.

      خەن مىڭ مۇخبىرغا نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تېخى تولۇق تاماملانمىغانلىقى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى ۋە بۇغدا كۆلى يولى ئېغىزىدىن جەنۇبىي ئازادلىق يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولىدىكى ئىتتىپاق يولى كۆۋرۈكى ئېغىزىغىچە بولغان 200 مېتىر يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىدىلا قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي تاماملانغاندىن كېيىن، قوش يۆنىلىشلىك ئالتە ئاپتوموبىل يولىدا قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك