• مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : alkuyi.com
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-24 03:30
  • مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

    شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: 

    بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداش كېرەك 

    ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

    مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 22–كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، خۇاڭ شياۋشى). مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى 8–ئاينىڭ 21–كۈنىدىن 22–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا، جەزمەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتلەردە كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، مۇھىم نۇقتىلاردا كۈچەپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىگە كۈچەپ، تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ غايە–ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

        شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار زور قارارلارنى چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تەشۋىقات–ئىدىيە سېپى پائال نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، تەشۋىقات–ئىدىيە سېپىدىكى كەڭ كادىرلارغا تامامەن ئىشىنىشكە بولىدۇ.

           شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت جەريانىدا، بىز تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيە خىزمىتىدىكى ‹‹ئىككىنى مۇستەھكەملەش››تىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ ئىكەنلىكىدە، تېخىمۇ تۈپ، تېخىمۇ سالماق، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مۇھىم ئىدىيەلەر تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى جەزمەن تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ موھتاج، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج. بىز چوقۇم خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، ھەم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، ھەم ئىدىيەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، ئەلرايىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن ھەم جۇڭگو يولى، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى شەرھلىشىمىز، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن تىكلەشنى ئاساس قىلىش، تىكلەش بىلەن يوقىتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن تورنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تورنى ئىشلىتىش، تورنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدارنى ئىشلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاشۇرۇلما مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك. بايراقنى كۆتۈرۈشتە، ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە كۈچەپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگوچە ماركسىزم، 21–ئەسىردىكى ماركسىزمنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشى، چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتە، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جاسارىتىنى قوزغىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ ئىتتىپاقلىشىپ بىر مەقسەتتە ئىلگىرىلەش كېرەك. يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشىغا، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئوبرازنى نامايان قىلىشتا، خەلقئارالىق تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى بەرپا قىلىش پۈتۈن پارتىيە، بولۇپمۇ تەشۋىقات–ئىدىيە سېپى جەزمەن زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. ماركسىزملىق تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە كۈچەيتىش، بولۇپمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە كۈچەش كېرەك. ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشنى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، ماركسىزمنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەش، زورايتىش كېرەك. تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە سۆز قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسىنى ‹‹تېزدىن ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈش›› كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، بازىنى باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە مۈجمەل بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى ئادەمگە خىزمەت ئىشلەيدىغان خىزمەت بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىشى كېرەك. ھەممىدىن مۇھىمى، قەتئىي غايە–ئېتىقاد ئارقىلىق مەنىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە، مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەردە قىممەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئورنىتىلىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كىشىلىك ھاياتنىڭ 1–تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىلغار–نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلارنى قوغدايدىغان، قەھرىمانلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك. دەۋر يېڭى ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە–ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي، ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشقا يېتەكلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئۇلۇغ دەۋرنى قەلبى، ھېسسىياتى بىلەن تىرىشىپ تەسۋىرلەپ، پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان، خەلقنى كۈيلەيدىغان، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان سەرخىل نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى داستانىنى پۈتۈش كېرەك. ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، پەزىلەتكە، ئىستىلغا، مەسئۇلىيەتكە ئاڭلىق ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن–نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئەخلاق–پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەسكەشلىك، چاكىنىلىق، خۇشامەتچىلىكنى قەتئىي توسۇپ، ساغلام، ئاكتىپ ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ئەخلاق–پەزىلەت ئارقىلىق پەزىلەتنى تاۋلاش، پىسخىكا جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش، كەيپىياتنى يېتەكلەش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ساغلام، ئەلا سۈپەتلىك تور ئەدەبىيات–سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش كېرەك. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت بازىرى سۇبيېكتلىرىنىڭ راۋاجلىنىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ئىستېمالى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئوبيېكتنى پەرقلەندۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھېكايىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھېكايىسى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش ھېكايىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى ۋە تومۇرى، ئۇنىڭغا يۇغۇرۇلغان ئىدىيەۋى قاراش، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە روھىنىڭ يادروسى بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى بەلگىسىنى تاۋلاش، نامايان قىلىش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى زامان قىممىتىگە ۋە دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى تاۋلاش، نامايان قىلىش كېرەك. خەلقئارالىق تارقىتىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىقات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئايلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. تەشۋىقات–ئىدىيە كادىرلىرى يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ، يېڭى ساھە بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ، يېڭى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ماھارەت–ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق ۋە قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىيدا پىشقان، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

      ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى، بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. سۆزدە ئومۇمىيەت ئىگىلەنگەن، يىراققا نەزەر تاشلانغان بولۇپ، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى مۇپەسسەل، ئۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق ھالدا زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

      مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، خەلق گېزىتخانىسى، مەركىزىي رادىيو–تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، بېيجىڭ شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

      مەركەز تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى قىسمەن مۇھىم غوللۇق كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك