• ئاپتونوم رايون رەھبىرى قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەنگە بېرىپ خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-27 02:47
  • ئاپتونوم رايون رەھبىرى قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەنگە بېرىپ خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

    دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

      شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋۇ چياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شىن قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرى، ئاممىۋى خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا ھەيدەكچىلىكنى قانات يايدۇردى.

      يەتتە كۈندە، ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى توققۇز ناھىيە، شەھەر، 31 نۇقتىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام 1–سېپىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. نامرات ئاھالىلەر بىلەن كىرىمنى كۆپەيتىش ھېساب–كىتابى قىلىپ، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، ئاممىنىڭ كادىرلار ئىستىلى توغرىسىدىكى تەكلىپ–پىكىرلىرىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.

      قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق پارتكوملار جەزمەن مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇشى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى جەزمەن ھالقىلىق پەيتتە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى، خەتەرلىك، جىددىي پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇشى، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي خىزمەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقىسا، ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈشى؛ كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك