• ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يەنە ئالتىسى كۆپەيدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 12:16
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يەنە ئالتىسى كۆپەيدى

    يەتتە ناھىيە ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە رايون دېگەن نامغا ئېرىشتى

       مۇخبىرىمىز جاڭ خەيفېڭنىڭ 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دەرىجىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرگەن دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يەنە ئالتىسى بارلىققا كەلگەن، يەتتە ناھىيە ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە رايون دېگەن نامغا ئېرىشكەن، بەش ۋىلايەت(ئوبلاست)، ناھىيە(شەھەر)گە ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدە ئۈلگە رايون بەرپا قىلغان ئورۇن دەپ نام بېرىلگەن.

       بۇ قېتىم دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئالتە مەنزىرە رايونى ئايرىم – ئايرىم ھالدا توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يىپەك يولى خۇرا تېغى مەنزىرە رايونى، قورغاس ناھىيەسىدىكى تۈكە قۇملۇقى مەنزىرە رايونى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي كان باغچىسى، خېجىڭ ناھىيەسىدىكى خۇاڭمياۋ مەنزىرە رايونى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە رايون دېگەن نامغا ئېرىشكەن يەتتە ناھىيە ئايرىم – ئايرىم ھالدا باغراش ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، ئارشاڭ ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدە ئۈلگە رايون بەرپا قىلغان ئورۇنلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخو شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00