• «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 02:06
  • «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

    ئاپتونوم رايونىمىز ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ 5-نۆۋەتلىك «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

    ئاپتونوم رايونىمىز ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ 5-نۆۋەتلىك «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاياغلاشتى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى پەن لى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى رايىدە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە شىنجاڭ گېزىتخانىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتخانىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، ئىلى گېزىتخانىسى، خوتەن گېزىتخانىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 30 مۇخبىر قاتناشتى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى پەرىدە مەمەتئەلى ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى چېن شىنلۇڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ياڭ چىڭيۈ قاتارلىق بەش ماھىر ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ تەھرىرى ۋاڭ خۇەن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ سىن  رىياسەتچىسى لى خۇڭيەن قاتارلىق يەتتە ماھىر ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.


     بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن  3 نەپەر مۇنەۋۋەر ماھىر بېيجىڭغا بېرىپ ،  مەملىكەتلىك ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ «ياخشى مۇخبىر ياخشى ھېكايە سۆزلەش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.



    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى فەن لى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ دوختۇرى خې بىڭشيەننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىمەكتە. 

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ سىن رىياسەتچىسى لى خۇڭيەن شىنجاڭ چېلىشىش- رۇداۋچە چېلىشىش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ چېلىشىش ۋە رۇداۋچە چېلىشىش ترېنېرى يى شۆمىڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىمەكتە.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ليۇ جىڭ بىر خەنزۇ دادا بىلەن قازاق ئوغلىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىمەكتە.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى، تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00