• 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 02:44
  • 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدۇ

    تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت)

        مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى خەۋىرى : 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
        تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بايرامدا ھەرخىل سورتلۇق ئۈزۈم، كىشمىش، نان، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. بايرام مەزگىلىدە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، كېلىشىم تۈزۈش، قۇمدا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
        ئىگىلىنىشىچە، ئۈزۈم بايرىمى مەزگىلىدە تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسلىق پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىدەك بولىدىكەن: يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ئۈزۈم يېيىش، تاۋۇز يېيىش مۇسابىقىسى، يارغولنى كېچىدە ساياھەت قىلىش (ئىشىك بېلىتىدە %50 ئېتىبار بېرىلىدۇ) قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى، ئۈزۈم يېيىش مۇسابىقىسى، دارۋازلىق ماھارىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ دۆلەت  AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدىغان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا VR تېخنىكىسى ئارقىلىق يالقۇنتاغدىن ھالقىشنى ھېس قىلىش، %50 ئېتىبار باھادا تۆگە مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ كارىز باغچىسىدا ئۈزۈم قۇرۇتۇش مۇسابىقىسى، كۈندە ئۈچ مەيدان مەشرەپ، كارىز ھەققىدىكى زېھىن سىناش پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا كارىز كېچىلىك ساياھىتى، مەشرەپ قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت)
    تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى (ماتېرىيال سۈرەت)

    مەنبەسى :qq.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك