• ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان 2 – يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 04:16
  • ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان 2 – يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

    مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 4تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، بېلگىيە ASL ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ليېژې – ئۈرۈمچى – ليېژې يۈك ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇپ، شۇ كۈنى سائەت 6دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، يەنە ئۈرۈمچىدىن بېلگىيە ليېژېغا قاراپ ئۇچتى. بۇ، ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان 2 – يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى، ئۈرۈمچى – فىرانكىفورت يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت تۈگۈنى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەنىدى. بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئۈرۈمچى – ليېژې يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بېلگىيە ASL ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىجارەت قىلىدۇ، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى بوئېئىڭ 747-400ERF تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم قاتنايدۇ. تۇنجى قېتىمدا 77 توننىغا يېقىن يۈك توشۇلدى، ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى، ئېكسپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى كىيىم – كېچەك، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلدى.

      بۇ يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋاقىت ئۈنۈمدارلىقى كۈچلۈك بولۇش، بىخەتەر بولۇش، يۈك توشۇش مىقدارى كۆپ بولۇش قاتارلىق كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. بېلگىيە ASL ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھازىرغىچە شاڭخەي پۇدۇڭ، جېڭجوۋ، جىنەندە يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بۇ شىركەت جۇڭگودا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقان 4 – شەھەر ھېسابلىنىدۇ.

      بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ۋە تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسى ئۈچۈن ئاسىيا – ياۋروپا بوشلۇق كۆۋرۈكى سېلىپ، شىنجاڭ ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆپەيتىپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

    مەنبەسى :ts.cn




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك