• بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-29 04:12
  • بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك

    شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

      بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇش، يېشى بارغانسېرى كىچىكلىشىش يۈزلىنىشى بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، بۇ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ مەسىلە، چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا ھەر قايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

      باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنىدى. يېقىندا، ئالاقىدار گېزىت – ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى تېزدىن ئارىلىشىشىمىزغا موھتاج›› دېگەن ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە يۇقىرىقى يوليورۇقنى بېرىپ، بۇ خىزمەتكە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

      باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقتى ھەم ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. لايىھەدە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئائىلە، مەكتەپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قارار قىلىندى. لايىھە يېقىندا رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، يولغا قويۇلىدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك