• يىپەك يولىدىكى 100 يىللىق چوڭ بازار

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-08-31 03:12
  • يىپەك يولىدىكى 100 يىللىق چوڭ بازار

      8-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىدىكى كەچلىك بازار.

      ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈك يۈز يىلدىن بۇيان سودا-سېتىق بىلەن ئاۋاتلىشىپ چوڭ بازارغا ئايلانغان. يىپەك يولىنى بويلاپ كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرى شۇنىڭدەك ھەر خىل مەدەنىيەت بۇ يەردە گىرەلىشىپ كەتكەن. 2018-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت دۆڭكۆۋرۈككە قارىتا «گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەدەنىيەت ساياھەت كەسىپىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلغان.

      بۇ يىل 3-ئايدا، دۆڭكۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى قوشنا كوچىلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، گۈزەللەشتۈرۈلدى ھەمدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى مەركەز قىلغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 800 مېتىرلىق پىيادىلەر كوچىسى كۆپەيتىلىپ، ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تۈرى كوچىسى، خەلقئارا مودا كوچىسى شۇنداقلا چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى بەرپا قىلىندى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك