• خاۋزەندىكى 10 تور چولپىنى ئۇچرىشىشى ئۈرۈمچىدە غەلبىدە ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-09-11 01:11
  • خاۋزەندىكى 10 تور چولپىنى ئۇچرىشىشى ئۈرۈمچىدە غەلبىدە ئۆتكۈزۈلدى


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى «خاۋزەن好赞» تۇنجى نۆۋەتلىك 10 داڭلىق تور چولپىنى  ناخشا ھەۋەسكارلىرى ئۇچرىشىشى» ئۈرۈمچى شەھىرى  مەنيۆ كولۇبىدا داغدۇغىلىق  ئۆتكۈزۈلدى.

    نەچچە يۈزلىگەن نەق مەيداندىكى تاماششىبىنلار «خاۋزەن好赞» ئېلىپ كەلگەن بۇ شادلىققا تولغان يېغىلىشتىن ھۇزۇرلىنىپ ، ئۆزلىرىنىڭ «خاۋزەن好赞»گە بولغان پەخىرلىنىش ھىسياتىنى بىلدۈردى .




    33 ياشقا كىرگەن شەپقەت بولسا ئەڭ بۇرۇن خاۋزەنگە ئەزا بولغانلارنىڭ بىرى، ئۇ شۇنداقلا  «خاۋزەن好赞»دە ئۇدا 82 سائەت بىۋاستا تارقىتىش رېكورتىنى ساقلاپ كەلگۈچى .
    شەپقەت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاپتونۇم رايونلۇق موزىيدىكى خىزمىتىمدىن باشقا ۋاقىتلارنى ئاساسەن توردا ئۆتكۈزىمەن ، شىنجاڭنىڭ كونا گىتتار ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە دوراش ماھارىتىدىن باشقا يەنە ئادەتتە ئۆزۈم ئىجادىيەت قىلىمەن ، بىۋاستا تارقىتىش سۇپىسى بولغاچقا،  تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق بىلەن تولغان ئاكتىپ كۈچنى تارقاتتۇق.

    شەپقەت مىرزات بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا نەق مەيداندا ئورۇنلىغان  مۇھەببەت ناخشىسى «ئەگەر» ناملىق ناخشا  ئۇنىڭ بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىجاد قىلغان 20 نەچچە ناخشىلىرىنىڭ بىرى ، بۇرۇن دوستلار چەمبىرىكىدە تارقتىش چەكلىك ئىدى،ھازىر ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق نەق مەيدان تارقىتىشىدا 2-3 مىڭ قوللىغۇچى ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە ھەرخىل مەدەت -ئىلھاملىرى بىلەن شەپقەتكە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ 





    ھازىر 48 مىڭ ھەۋەسكارى بار بولغان ئۇلىبوسىن .كەنجىمنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ماھىرىتى بار ، 29 ياشقا كىرگەن ئۇلبوسىن قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى aderna نىڭ ۋارىسى ، جۇڭگودىكى دېھقانلار ناخشا كېچىلىكىدە ئۇ غېجەك قاتارلىقلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتقان«بېيجېر كۆلى» شىمالىي رايونلار بويىچە 6 كۈچلۈك ، مەملىكەت بويىچە 30 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن .

     ئۇلبوسىن مۇنداق دەيدۇ:ھەر قېتىملىق بىۋاستا تارقىتىشتا مەن دۇمبۇرا،غېجەك،مىللىيچە ناخشىلارنى ۋە مودا بۇلىۋاتقان ناخشىلارنى چالىمەن ، تورداشلارمۇ قىززىقىپ ئاڭلايدۇ ، مۇھىمى بۇ ياشلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلارنى چۈشىنىشىگە پايدىسى بار ، ئۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە خاۋزەن سۇپىسى ئارقىلىق ئىككى شاگىرت قۇبۇل قىلدىم ، مەن ئۇلارغا گوڭچىن چېلىشنى ئۆگىتىپ بۇ چالغۇغا ۋارىسلىق قىلدۇرىمەن.

     ئۇنىڭ خاۋزەندە  18 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ھەرخىل قاتلامدىكى نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلىرى بار .





    «خاۋزەن好赞» رەسىم ، كۈرەنمە چاستوتنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن «ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ دېتالى» بۇلۇپ ، ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلاپلا قالماي يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭدا يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان  يەرلىك تىزىملاتقانلار سانى 1مىليون 500 مىڭ ئەزاغا يەتكەن. ئاشكارلىنىش نىسبىتى كۈچلۈك ، تارقىلىش كۈچ يۇقىرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار . 


    ھەممە ئوخشاش بولىۋاتقان زېرىكىشلىك تۇرمۇش ئىچىدىن «خاۋزەن好赞» سىزگە ئوخشىمىغان يېڭىچە تۇرمۇش ھىسياتىنى ھىس قىلدۇرۇپ ، ئۆزىگە تېخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ ، مەيلى سىزنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز ، قانداق ھەۋەسلىرىڭىز بولسۇن ، «خاۋزەن好赞»سىزگە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارى بىلەن «يېڭى دوست» تەۋسىيە قىلىپ سىزنى زېرىكىش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ ، «خاۋزەن好赞»» ئەپ دىتالىنى ئوڭ سولغا سىيرىش ، چاۋاك بىرىش ، يۈرەك يوللاش ،ئىنكاس يوللاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەتراپىڭىزدىكى تېخىمۇ نادىر ، يەنىمۇ گۈزەل مىنۇتلاردىن بەھرىمان بولالايسىز.بەلكىم تۇرمۇشتا قولدىن كەتكەن بىر قىسىم يۇقۇتۇشلارنى «خاۋزەن好赞»دىن تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

    «خاۋزەن好赞»گە رەسىم يوللىغاندا ئورۇن بەلگىلەش ، جەلىپكار قەغەزلەرنى چاپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ، رەسىمىڭىزنى تېخىمۇ نەپىس تۈسكە كىرگۈزۈپ ، ھاياتىڭىزنىڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا خاتىرە قالدۇرغاندىن سىرت ، دوستلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز . 直播 ئوسۇلىنى قوللىنىپ تورداشلارنى ناخشا ئېيتىش ، نەسىر سۆزلەش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش..قاتارلىق ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئالاقە ئېلىپ بېرىپ ، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر ، ناتىقلىق سەنئىتىگە پۇختا ئاساس ھازىرلاپ ، مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭىزنى مول قىلالىشىڭىزدا گەپ يوق . شۇڭا بۇ يەردە شىنجاڭدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ . 


    شۇنداق دوستۇم ، يەنە سۆزلىسەك سۆزلەيدىغان نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار ئالدىمىزدا بىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ ، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ، بىر ھىس قىلغان ئەلا دىگەن گەپ بىكار ئەمەس ، مىنىڭچە سىزمۇ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىرىنى ھىس قىلىۋاتىسىز ، يەنە ئالدىمىزدا تېخىمۇ گۈزەل  «خاۋزەن好赞» خاتىرىلىرى سىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ .


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك