• قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر10دېلو بىر تەرەپ قىلىندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-03 03:07
  • قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر10دېلو بىر تەرەپ قىلىندى



    يېقىندا شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 17-تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلودىن ئوننى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە-ئىغۋا، ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى››، ‹‹ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى›› قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدارلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

     1-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى ئا Xنىڭ تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى
      2018-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، تور ئەھلى ئاX (ئەر، ئۇيغۇر، 40 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن)نىڭ كومپيۇتېرىدا تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     2-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئەX نىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى تارقىتىش دېلوسى
     2018-يىلى 8-ئاينىڭ 1–كۈنى، تور ئەھلى ئە X (ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان رەسىمنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئە Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     3-دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى
     2018-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، تور ئەھلى م X (ئەر، ئۇيغۇر، 35 ياش، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدىن)نىڭ تېلېفونىدا تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     4–دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ش X نىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى
     2018–يىلى 8–ئاينىڭ 6–كۈنى، تور ئەھلى ش X (ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىن )نىڭ QQ  ئالبومىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەرنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ش X نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     5-دېلو مىسالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى م X  قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى
     2018-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور ئەھلى م X (ئەر، خۇيزۇ، 33 ياش، بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن)، م X (ئەر، خۇيزۇ، 20 ياش، بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن)، م X (ئەر، دۇڭشياڭ،  28 ياش، بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن) نىڭ  ئۈندىدارنىڭ «لەيلىمە بوتۇلكا»، «يېقىن ئەتراپتىكى كىشى» قاتارلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تورداشلارنى قوشۇپ،  ساختا ياش، بويتاق ئاياللار سىياقىدا تورداشلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 120 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م X قاتارلىق ئۈچ كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     6-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى  د Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى
     2018-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تور ئەھلى د X (ئەر، قازاق، 20 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق، كۈيتۈن، ئالتاي، ئاتۇش، خوتەن، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان ئاممىنى ئالدىغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە د Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.
     7-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى تاڭ Xنىڭ پىتنە -ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى
     2018-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، تور ئەھلى  تاڭX (ئەر،خەنزۇ، 25 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى قاماقخانىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەتچى  كوللېكتىپ تۇرمىدىن قېچىپ، قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش كىلومېتىر، ھازىر جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى» دېگەن مەزمۇندا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تاڭ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.
     8-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ك  Xنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى
     2018-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، تور ئەھلى ك X (ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىداردا «ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر جۈپ ئەر-ئايال مېھمانخانىدا ياتقاندا، ئايال ھوشسىزلاندۇرۇلۇپ بۆرىكى ئېلىۋېتىلدى» دېگەن مەزمۇندا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان.تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ك Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.
      9-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى د Xنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى
     2018-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، تور ئەھلى د X (ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدا شەھۋانىي ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە د Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.
     10–دېلو مىسالى: سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى خ Xنىڭ تېررورلۇققا ئائىت گەپ-سۆز تارقىتىش دېلوسى
     2018–يىلى 9–ئاينىڭ 5–كۈنى، تور ئەھلى خ X (ئەر، خەنزۇ، 25 ياش، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىدىن)نىڭ مىكروبىلوگىدا تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىككە ئائىت گەپ-سۆز تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.
      جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئائىت يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال–ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن–بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىكىدەك يازما، سۈرەت، ئۈن–سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
     كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن–بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.
    پاش قىلىش ئۇسۇلى:
    تور ئادرېسى: www.xjwljb.com
    تېلېفون نومۇرى : 2384777–0991
    ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn
    مىكرو بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)
    ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)
    ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110
    ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك