• 2019 -يىلى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرى پىلانى بويىچە ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىش باشل

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-16 01:37
  • 2019 -يىلى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرى پىلانى بويىچە ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىش باشل

    2019 - يىلى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرى پىلانى بويىچە ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى . ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرى پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، « 2019 - يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى » ۋە دوكتور قوبۇل قىلىش ھۆججىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، « نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، نىشانلىق تەربىيەلەش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش » پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. 

    2019-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلىرى بويىچە 1000 دوكتور ، 4000 ماگىستىر قوبۇل قىلىش پىلانىنى چۈشۈردى ،بۇنىڭ ئىچىدە گۈيجۇدىن 336 كىشى قوبۇل قىلىنماقچى . 10 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار خىزمەتتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى % 10 تىن ئاشۇرمىسا بولىدۇ، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى 10 غا يەتمەيدىغان ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ قوبۇل قىلىنىدىغان دوكتورلۇققا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدە ، غەربىي قىسىم مىللىي رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 80 تىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كېلىشىمنى ئادا قىلىشى زۆرۈر ، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ . 

    مەنبەسى :شىنخۇا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك