• قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-16 04:47
  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    15يىللىقىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇرۇش
    لاتارىيە بازىرىدىكى ئاۋىئاماتكا دەپ نام ئالغان قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يەنە يولغا چىقتى!

    يېقىندا مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشچە ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپتۇ . بۇ قېتىملىق پائالىيەت قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2018123 قارار (مۇكاپات ئېچىلىش ۋاقتى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، يەكشەنبە ) دىن باشلاپ ، ئۇدا 20 قارار مۇكاپات قوشۇلىدۇ ، بۇ قېتىملىق مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد يۈەن بولۇپ ، چوڭ -كىچىك مۇكاپاتنىڭ ھەممسىگە بىرلا ۋاقىتتا مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ ، لاتارىيە سېتىۋالغۇچى  قايتىلىما ( فۇشى ) دو تىكىش ئۇسۇلى ۋە مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ قېتىملىق مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ .
    قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ، ئومۇمىي خەلق جامائەت پاراۋانلىقى فوندىسىغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ ، پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ « ياشانغانلارنى يۆلەش ، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ، يېتىملارغا غەمخورلۇق قىلىش ، نامراتلارنى يۆلەش « ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ، لاتارىيەچىلەرنى ئەقەللىي ھالدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا يېتەكلىدى . قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ، تونۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان لاتارىيە ئويۇنى بولۇپ ، 2018 -يىلى 9 -ئاينىڭ 30 -كۈنىگىچە سېتىلىش سوممىسى جەمئىي 560 مىليارد يۈەندىن ئاشقان ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ ، 1-دەرىجلىك مۇكاپاتقا ئېرىشش دو سانى 15000 دودىن كۆپ بولغان ، يۈز مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن 29 دانسى چىققان ، جۇڭگو لاتارىيە بازىرىدىكى ئالدىنقى قاراردا تۇرغۇزۇلغان 10 كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئىچىدە سەككىزى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدىن چىققان، جۇڭگو لاتارىيە بازىرىدىكى ھەر 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ ئىچىدە ، يەتتىسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدىن چىققان.
    1   مىليارد يۈەن مۇكاپات قوشۇش پائالىيتى يەنە بىر قېتىم تارىخ ياراتتى 
    ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى -2007  يىلىدىن بۇيان ئۇدا 11 يىلدا 12 قېتىم مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان ، جەمئىي 4 مىليارد 374 مىليون يۈەن تەڭشەش فوندىسى ئشلىتىلگەن ، بۇ قېتىملىق مۇكاپات قوشۇش پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد يۈەن بولۇپ ، يەنە بىر قېتىم ئىلگىرىكى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات قوشۇش سوممىسىنى بۈسۈپ ئۆتتى ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇن تارىخىدىكى مۇكاپات قوشۇش ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ، شۇنداقلا جۇڭگو لاتارىيە بازىدىكى بىر قېتىمدىلا قوشقان مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ . بۇ قېتىملىق مۇكاپات قوشۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 1 مىليارد يۈەن بولۇپ ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ تەڭشەش فوندىسىدىن چىقىرىلىدۇ .
    قايتىلىما ( فۇشى ) دو تىكىش ئۇسۇلى ۋە مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلى بويىچە ئوينىغاندا پۇرسەت تېخىمۇ كۆپ 
    مۇكاپات قوشۇش پائالىيەت مەزگىلىدە ،  قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى يېڭى ئويناش قائىدىسىنى يولغا قويغان بولۇپ ، 10- مادىدا بەلگىلەنگەن مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلىنى يىڭىدىن قوشقان ، بۇرۇنقى يىلنىڭ قايتىلىما ( فۇشى ) دو تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىدا مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوشۇپ ،  مۇكاپات قوشۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، لاتارىيەچىلەرگە مۇكاپات چىقىش پۇرستىنى كۆپەيتتى . 
    ئىگەللىنىشچە،  مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلى بولسا يەككە دو تىكىش نومۇرىدىن ئاز بولغان نومۇرنى تاللاپ ھەر بىر دودىكى مۇقىم نومۇر قىلىپ ، مۇقىم نومۇردىن باشقا نومۇرنى تاللاپ يانداشما نومۇر قىلىپ ، مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرنى بىرلەشتۈرۈپ نومۇر گۇرۇپىسىنى شەكىللەندۈرگەن دو تىكىش ئۇسۇلى ،  مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو )دو تىكىش ئۇسۇلى يەككە ھالەتتىكى مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو )دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن قايتىلىما مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو )دو تىكىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
     چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغا داۋاملىق مۇكاپات قوشۇلىدۇ
    بۇ قېتىمقى مۇكاپات قوشۇش پائالىيتىدە 1 -دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تەستىق قىلىنغان بولۇپ ، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 400 مىليون يۈەن . ھەر بىر قاراردا 20 مىليوننى 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات قىلىپ لاھىيلەپ ، شۇ قاراردىكى قايتىلما  ( فۇشى ) دو تىكىش ئۇسۇلى ياكى مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مۇكاپات دو سانىغا ئاساسەن تەڭ تەقسىملىنىدۇ . يەككە مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى 5 مىليون يۈەن بولىدۇ . 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات سوممىسى شۇ قاراردا ئېشىپ قالغان بولسا ، كېيىنكى قارارنىڭ 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتىغا قوشۇلۇپ تەڭ تەقسىملىنىدۇ ، يەككە مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى ئوخشاشلا 5 مىليون يۈەن بولىدۇ ،  شۇ ئاساستا داۋاملىشىپ ، 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات سوممىسى ئىشلىتىلىپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ .
    بۇنىڭدىن سىرت يەنە 6- دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، ئالدىنئالا تەييارلانغان ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 600 مىليون يۈەن . شۇ قاراردىكى قايتىلما  ( فۇشى ) دو تىكىش ئۇسۇلى ياكى مۇقىم نومۇر بىلەن يانداشما نومۇرغا ( دەنتو ) دو تىكىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە ، مۇقىم مۇكاپات سوممىسى 5 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ ، 6- دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات ئىشلىتىلىپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ ، ناۋادا ئەڭ ئاخىرقى قاراردا 6-دەرىجلىك مۇكاپاتنىڭ ئومۇمىي سوممىسى شۇ قاراردىكى 6-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتىنى تارقتىشقا يەتمىسە ، يېتىشمىگەن قىسمىنى تەڭشەش فوندىدىن تۇلۇقلاپ تارقىتىلىدۇ ۋە كىيىنكى قاراردىن باشلاپ 6- دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات توختىلىدۇ .
    مۇكاپات قوشۇش سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھېسابلانغاندا ، 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ چوڭ مۇكاپات سۈپىتىنى ۋە 6- دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ كۆپلىكىنى ئۈنۈملىك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ . تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ « خەلىقتىن ئېلىپ ، خەلىققە قايتۇرۇش » خاراكتېرىنى نامايان قىلدى .
    15يىللىقىدا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇرۇش
    جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2003-يىلى 2 -ئاينىڭ 16- كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان ، كەڭ لاتارىيەچىلەرگە ئۇدا 15 يىل ھەمرا بولدى . بۇ 15 يىلدىن بۇيان ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى بىرىنچى تۈردىكى مەملىكەتلىك بىرلىشىپ ساتقان ﻟﯧﺘﯘ تىپىدىكى ئويۇنى بولۇپ ، ھازىر يېتىلىپ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىپ ، يىللىق جامائەت پاراۋانلىق فوندى 18 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان « لاتارىيە بازىدىكى ئاۋىئاماتكا »غا ئايلاندى . 
      قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 15 يىللىقنى تەبرىكلەش پەيىتىدە ، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى قىزغىن ياقتۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزسىدىن ، بۇ قېتىملىق قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات قوشۇش پائالىيتىنىڭ مۇكاپات قوشۇش ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليارد يۈەنگە كۆتۈردى .
    لاتارىيە تارىخىدىكى مۇكاپات سوممىسى ئەڭ كۆپ ، دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ،  مۇكاپات قوشۇش پائالىيتى باشلىنىش ئالدىغا ، « لاتارىيە بازىرىدىكى ئاۋىئاماتكا » قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەن مۇكاپات قوشۇش سوممىسى بىلەن 15 يىللىقىغا خۇشاللىق بېغىشلىماقچى ۋە كەڭ لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىغا كاتتا زىياپەت ئېلىپ كەلمەكچى.

    ماقالىنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى تەمىنلىگەن

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى تەمىنلىگەن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك