• بۇ مۇناپىقلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-17 09:18
  • بۇ مۇناپىقلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك

    10-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپون باسقۇنچىلىرى پەيدا قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش سارىيى ئورگان مىكروبىلوگىدا مۇسىبەت خەۋىرى ئېلان قىلىپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە ھايات قالغۇچى شېن شۇجىڭنىڭ 94 يېشىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 


    تورداش «ۋۇشيەنپەي» ئىلگىرى توردا ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاشكارا ھالدا بىلجىرلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ۋۇشىنى ئىشغال قىلغاندا ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك قەبىھ جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى پىتنە -پاسات، دېگەن ھەمدە «بوۋام ۋۇشىلىق، شوۋا (昭和) نىڭ 12-يىلى تىنچ يىللار ئىدى. ياپونىيە ئارمىيەسى ھەيۋەتلىك ۋە مەدەنىي قوشۇن ئىدى» دەپ يازغان. 
    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ قوللانغان يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلىمۇ ياپونىيەنىڭ يىل خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، شوۋانىڭ 12-يىلى جۇڭگو - ياپونىيە ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغان 1937-يىلى ئىدى. بۇ تورداشنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ جياڭسۇ نەنجىڭلىق ئىكەن. 

    تورداش «ۋۇشيەنپەي»نىڭ مىكروبلوگقا قالدۇرغان سۆزى
    «ۋۇشيەنپەي» نىڭ سۆزلىرى تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، تورداشلار ئۇنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە مىكروبلوگدا ھەر قايسى جايلاردىكى تور ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغان بۇ ئۇنسۇرغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «ۋۇشيەنپەي» مىكروبىلوگ نومۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

    تورداش «ۋۇشيەنپەي»نىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىشى



    ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 
    نەنجىڭ ساقچى دائىرىلىرى يېقىندا تورداش «ۋۇشيەنپەي»نىڭ توردا ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقى، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، مىللىي ھېسسىياتقا زىيان يەتكۈزگەنلىكىدەك قانۇنغا خىلاپ گەپ -سۆزلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. 
    ساقچى دائىرىلىرى شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇكى، تور بوشلۇقىدىكى بارلىق قىلمىشلار بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن تۆۋەن چېكىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك، دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە مىللىي غۇرۇرغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ساقچى دائىرىلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. 
    نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 
    2018-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 

    ياپون باسقۇنچىلىرى پەيدا قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش سارىيىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «تارىخ تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، بۇ خىل كىشىلەرنى قانۇن -نىزاملار بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك». 
    5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانلار -قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 27-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قەھرىمانلار ۋە قۇربانلارنىڭ ئىش -ئىزلىرى ۋە روھىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇنى ئىنكار قىلىش، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى تەشۋىق قىلىش، پەردازلاپ كۆرسىتىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارغا ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 
    تارىخقا بىھۆرمەتلىك قىلىشتەك بىمەنە قىلمىشلار خېلى كۆپ كۆرۈلگەن !
    بۇ يىل 8-ئايدا تورداش @سىبودايې تەيجۈن ئۆزىنى «مەن ئۆزۈمنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىمەن» دېگەندىن باشقا يەنە: «قايسى قانۇندا ‹تەيۋەن دۆلىتى› دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؟» دېگەن.
    سىچۈەن ميەنياڭ تور ساقچىلىرى ئۇنى دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگلىرىنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ يەنە ميەنياڭ تور ساقچىلىرىدىن ئەپۇ سوراپ خەت يازغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئۇقۇشمايلا دەپ سالغانلىقىنى ئېيتقان. 
    @ مائەنشەن ج خ لىنىيەسى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق خەۋەر بەرگەن: 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە تورداش @ سىبودايې تەيجۈن مانئەنشەن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. 
    « ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغانلار»نىڭ ئەۋج ئېلىشى كىشىلەرنى چۆچۈتتى. بىراق ئۇلار  ھامان ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق قىلمىش -ئەتمىشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ!

    شۇنداق بولسىمۇ يەنە ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئالمىغانلار چىقىپ تۇرغان. دوۋيۈدە نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى بار بولغان رىياسەتچى لىنمېڭ بىر ياقتىن ئويۇن ئويناپ، بىر ياقتىن تېلېفون ئۇرغان قىياپەتتە پو ئېتىپ، بىر دوستىنىڭ 731-قىسىمدا يىڭجاڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان. 

    731-قىسىمنىڭ پۇر كەتكەن سېسىق نامى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك قىلمىشلىرىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق لىنمېڭ 731-قىسىم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، دوستىنىڭ يىڭجاڭ ئىكەنلىكىنى پەش قىلغان. بۇ چېن ـ فائېرنىڭ گەپ -سۆزلىرىدىنمۇ بەك ئېغىر بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ لىنمېڭنىڭ قىسمەن ئەگەشكۈچىلىرى ھەتتا ئۇنى ئاقلاپ، 731نىڭ پەقەت بىر سان ئىكەنلىكى، ياتاق نومۇرى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 
    تورداشلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش نومۇرى تاقىۋېتىلگەن. 
    ئۆز تاراتقۇ دەۋرىگە قەدەم قويغان ھازىرقى مەزگىللەردە، يەنە قىسمەن كىشىلەر بولمىغۇر قىلمىشلار بىلەن كۆپچىلىكنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان. 
    بۇنىڭدىن بۇرۇن مەلۇم بىر كارخانا «كۆيۈپ كەتكەن چيۇ شاۋيۈن»نى مىسال كەلتۈرۈپ، تىجارەت تەشۋىقاتى قىلغان، يەنە قىسمەن كىشىلەر «خۇاڭ جىگۇاڭنىڭ بەدىنى بىلەن پىلىموت ئېغىزىنى توسۇشى»دىكى مەزمۇنلارنى ئىپىزود قىلىپ يېزىپ ساتقان؛
    مەلۇم بىر ئەر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا سىن تارتىپ، «ئۆلتۈرۈلگەن 300 مىڭ ئادەم بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ» دەپ، ئالقىشلاشنى تەلەپ قىلغان؛ 
    ئۆز تاراتقۇ ـ «باۋزوۋ ھەجۋىي رەسىملىرى» ئېقىم مىقدارىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن خۇاڭ جىگۇاڭ، دۇڭ سۈنرۈي قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى مازاق قىلغان؛ 
    يەنە قىسمەن كىشىلەر ھال سورىغۇچى ئاياللارنى ئاشكارا مازاق قىلغان. 

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، توردا ياكى تور سىرتىدا بولسۇن، قىسمەن كىشىلەر تارىخىي ۋىجداننىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلغان. 
    2018-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ «ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغانلار» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ : «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ‹ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغان ئۇنسۇرلار› جۇڭگولۇقلار ئارىسىدىكى مۇناپىقلاردۇر!» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 
    بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر پات -پات كۆرۈلۈپ تۇرغان، بۇ بىزنىڭ تارىخىي ئىززەت -ھۆرمەتنى، ئادالەت تۆۋەن چېكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىز ۋەزىپىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
    نۆۋەتتە قەھرىمانلار- قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن قەھرىمانلار- قۇربانلارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەق -تەلەپ ئىشلىرى، مەمۇرىي ئىشلار، ھەتتاكى جىنايى ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسىمۇ بارلىققا كەلدى. دېمەك بۇ، قانۇن قىزىل سىزىقىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلارغا ج خ ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جازا بېرىدىغانلىقى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئەرز قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
    بىر دۆلەتنىڭ تارىخى بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولىدۇ. سان -ساناقسىز ئەجدادلىرىمىز يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پولاتتەك ئىرادىسى، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن قاتمۇ -قات ئۇرۇش ئىستېھكاملىرىنى بەرپا قىلدى، شۇڭا بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ئۈن -تىنسىز تۆلىگەن بەدىلىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. 
    «چوڭ ئىلىملەرنى بىلمەك ئۈچۈن تارىخنى ئۆگىنىش كېرەك. بىر دۆلەت يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنىڭ تارىخىنى يوقىتىش كېرەك». دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى كىشىلەرنىڭ تارىخ قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ تارىخنى قانداق ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز ئۆتكەنگە، بۈگۈنگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
    ھەر قانداق بىر شەخس تارىخنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق خاتىرىسى بولۇشى كېرەك. « ئۆزىنى روھى جەھەتتىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغانلار»غا زەربە بېرىش، تارىخنى قوغداش زۆرۈردۇر. كۆپچىلىك قەھرىمانلار -قۇربانلارغا بىھۆرمەتلىك قىلغانلارغا قەتئىي قارشى تۇرغاندىلا، كوچا -كويلاردىكى بۇ چاشقانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىدەك جاي قالمايدۇ. 
    يېڭى دەۋردىكى تور پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تورنىڭ قانۇندىن مۇستەسنا جاي ئەمەسلىكىنى، تور بوشلۇقىدىكى بارلىق گەپ -سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرنىڭ ئەقلىي قائىدىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە مىللىي ھېسسىياتقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭمۇ چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. 
    توردىكى گەپ -سۆزلەرنى ئاقىلانىلىك بىلەن قىلىشىمىز
    ئەخلاق تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلماسلىقىمىز
    قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە تېخىمۇ بەك جەڭ ئېلان قىلماسلىقىمىز كېرەك

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك