• دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى، قوبۇل قىلىش كۆلىمى قىسقاردى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-10-23 05:00
  • دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى، قوبۇل قىلىش كۆلىمى قىسقاردى

    2019-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8 دە رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا جەمئىي 14 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى قىسقارتىلغان. بۇ قېتىملىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ مەمۇرلارنى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشى بولۇپ، بەزى يېڭى تارماقلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 

    دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا 75 مەركەز ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق 20 ئاپپارات 14 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولۇپ، ئومۇمىي پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلىنىدىكەن. 

    2018-يىلىدىكى 28 مىڭ 500 ئادەم قوبۇل قىلىش كۆلىمىگە قارىغاندا، 2019-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا مەمۇر قوبۇل قىلىش سانى زور دەرىجىدە ئازايدى. 

    دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسورى ۋاڭ يۈكەي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىشىغا بۇ يىل باشلانغان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى سەۋەب بولدى، بەزى مەركەز تارماقلىرى قوشۇۋېتىپ قايتا تەشكىللەندى، ئاپپارات شتاتىنى باشقۇرۇشتا ئومۇمىي سان تىزگىنلىنىدۇ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان مەمۇرلار سانىنىڭ ئازىيىشىنى مۇقەررەرلىك دېيىشكە بولىدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك