• قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق قاتناشنى راۋانلاشتۇرىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-02 12:45
  • قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق قاتناشنى راۋانلاشتۇرىدۇ

    مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھەرقايسى رايون (ناھىيە) لۇق ج خ تارماق ئىدارىلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشتا يول يۈرۈشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى لى ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارمىقى ھەرقايسى رايون (ناھىيە) لۇق ج خ تارماق ئىدارىلىرى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا قاتناشنى تارقاقلاشتۇرۇش بويىچە 231 نۇقتا تەسىس قىلىپ، يوللارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

      لى ۋېي: «بىز ھازىر كۆپ خىل ساقچى تۈرلىرى بىرلەشمە ھەرىكىتى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشتا بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. قىش پەسلى كەلگەندە قاتناش باشقۇرۇش جەريانىدا قاتتىق قار يېغىش، يول توسۇلۇش، يول تېيىلغاق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇچرىسا، رايون (ناھىيە) لۇق تارماق ئىدارىلەردىكى ساقچىلار قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ، قاتناش باشقۇرىدۇ، يېنىك قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، قىش پەسلىدىكى قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00