• ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايلى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-06 08:38
  • ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايلى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ ئىمزالىق ماقالىسى

      پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش ئەلرايىنى مايىل قىلىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرى ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى توغرا تەتبىقلاپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش، ھاياتلىق قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك.

      بىرىنچى، سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىيغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تارىخ بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى، بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ مۇھىم، زور مەسىلە ياخشى بىرتەرەپ قىلىنمىسا، ئېغىر سىياسىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئاممىنى قۇترىتىش، ئاممىغا سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشتا ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى تارىخنى بۇرمىلاش، ئويدۇرۇپ چىقىش، مەدەنىيەت پەرقىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، پارچىلاش، تالىشىش مەقسىتىگە يەتمەكچى، ئۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئادەتتىكى ئىلىم مەسىلىسىنى شەرھلەش ئەمەس، كونكرېت تارىخىي تەپسىلاتلارنى ئىسپاتلاش ئەمەس، بەلكى كەسكىن سىياسىي كۈرەش بولۇپ، تەتقىقات ئارقىلىق توغرا يەكۈن چىقىرىپ، مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور سىياسىي مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشتۇر.

      شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىنى توغرا تونۇشتا، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تەلەپ قىلىش كېرەك. ماركسىزمنىڭ يېتەكچى ئورنىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، باشتىن – ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەتقىقات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخ تەتقىقاتى، تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا تارىخىي پاكىت ۋە قاراش بىلەن كىشىلەرنى تەربىيەلەش، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئاساسىي يەكۈنى ۋە ئاساسىي سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شىنجاڭنىڭ تارىخ تەتقىقاتى، تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا دائىر مۇھىم، زور تارىخىي ۋە رېئال مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق ئىلمىي جاۋابنى ۋاقتىدا بېرىش كېرەك.

        تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق – تەربىيەسى ئارقىلىق ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ تارىخ ئېقىمى ۋە تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى، مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جەزمەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، قەتئىي ھالدا يادرونى قوغداپ، يادرونى قەدىرلەپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چەمبەرچاس، زىچ باغلانغان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

        ئىككىنچى، جۇڭخۇا نەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مۇھىم بايلىق، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ بىر مۇھىم ئەۋزەللىكى. مەيلى قايسى مىللەت خاندانلىق قۇرسۇن، ھۆكۈمران بولسۇن، مەيلى قايسى مىللەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرسۇن، قۇرغىنىنىڭ ھەممىسى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەممىسىلا ئۆزلىرى قۇرغان خاندانلىقنى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ نەسەبى دەپ قارىغان، ھەممىسىلا بۈيۈك بىرلىكنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ تەكىتلىگەن.

      كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىز تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن – ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سىياسىي غايىسى، مەنىۋى تايانچى ۋە ئەخلاق تۇيغۇسى بولۇپ كەلدى، باشتىن – ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى.

      شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى توغرا تونۇشتا، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراشنى تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىر پۈتۈنلۈكى يۈكسەكلىكىنى، جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك زور تارىخىي ماكرولۇق نەزەرنى، شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئالدىنقى شەرتنى چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ ھازىر دۇچ كەلگەن تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا قويۇپ تونۇشتا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن بولغان تارىخىي ئالاقىسى ئىچىگە قويۇپ تونۇشتا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي باغلىنىشىغا قويۇپ تونۇشتا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي يۇغۇرۇلۇشىغا قويۇپ تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر بىلەن غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى تولۇق تونۇپ ۋە چۈشىنىپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىزى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك.

      تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق – تەربىيەسى ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى، ئىدىيە ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئىزناسى، مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، مىللەتلەرنى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غۇرۇرى، ئىشەنچى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگولۇققا خاس ئىرادە ۋە شىجائەتنى كۈچەيتىپ، ھەربىر مىللەت، ھەربىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قىلىش كېرەك.

      ئۈچىنچى، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى››نى ئاشۇرۇش كېرەك. تارىخ دېگەن تارىخ، تارىخىي پاكىتلارنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ، بۇرمىلاشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› جۇڭگونى پارچىلاش مەقسىتىدە نۇرغۇن خاتا گەپ – سۆز ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭنى ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› دەپ ئاتاپ، ‹‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى››نى تەرغىب قىلدى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ‹‹بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك›› دەپ داۋراڭ سالدى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ‹‹ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى››، ‹‹ئۇيغۇر دېگەنلىك ئىسلام دېگەنلىك، ئىسلام دېگەنلىك ئۇيغۇر دېگەنلىك›› دەپ تەرغىب قىلدى؛ شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىدىكى دىنلار ئارىلىشىپ ئورتاق مەۋجۇت بولغان تارىخىي ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئازدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بۇ خاتا پىكىر ئېقىملىرى شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ئېغىر زەربە بولدى، ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

      شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى توغرا تونۇشتا، مەسىلە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشۇ يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەركىزىي مەسىلىلەرنى، ئەمەلىي خىزمەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، سىستېمىلىق، قاراتمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەش كېرەك. بۇزۇش بىلەن تىكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي بايان قىلىشنى ئاساس، ئەمەلىيەت ئارقىلىق قائىدە سۆزلەشنى ئاساس قىلىپ، مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئەمەسلىكىنى، تارىختىمۇ ‹‹شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى››نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك؛ ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى يوق. شىنجاڭنىڭ تارىخىغا تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈش نەزەرى بىلەن قاراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەت بىلەن ھادىسىنى، ئاساسىي ئېقىم بىلەن تارماق ئېقىمنى توغرا ئېنىق ئايرىپ، مىللەتلەر بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرى ئىكەنلىكى؛ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتىنىڭ باشتىن – ئاخىر ئاساسىي ئېقىم يۆنىلىشى ئىكەنلىكى؛ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئېلىشىشنىڭمۇ، يۇغۇرۇلۇشنىڭمۇ بولغانلىقىنى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنىڭ باشتىن – ئاخىر ئاساسىي ئېقىم ئىكەنلىكى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى ئىكەنلىكى؛ بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، ئارىلىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭ شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكى قاتارلىق ئوبيېكتىپ تارىخىي قانۇنىيەتلەرنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك.

      تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئۆگىنىش – تەربىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا تارىخىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ، باشتىن – ئاخىر ‹‹بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق››، ‹‹بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگو››، ‹‹بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى››، ‹‹بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى››، ‹‹بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش›› دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، نېمىدە چىڭ تۇرۇش، نېمىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى، نېمىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، نېمىنى توسۇش كېرەكلىكىنى ھەقىقىي بىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى››نى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خاتا پىكىر ئېقىمىدىكى سۆز – ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بايرىقى روشەن ھالدا خاتا قاراش ۋە خاتا سۆزلەرنى تەنقىدلەپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئېغىشنى تۈزەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

      تۆتىنچى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارىمىز. بۇ مەيدان كۈرەش ئىنتايىن مول مەزمۇنغا ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەر خىل دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتۇر. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى چوقۇم پۇختا ئىگىلەپ، ھەرقانداق ۋاقىتتىمۇ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، تولدۇرغۇسىز تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىمىز. قانچىكى مۇرەككەپ مۇھىت ۋە ۋەزىيەتكە، قانچىكى خاتا پىكىر ئېقىمىغا دۇچ كەلگەنسېرى، شۇنچە يۈكسەك سىياسىي سەگەكلىك بىلەن تومۇر تۇتۇپ نىشان بەلگىلەپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇپ ئىرادىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى تۈۋرۈكنى پۇختىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

      شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىنى توغرا تونۇشتا، توغرا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تارىخ لوگىكىسى بىلەن نەزەرىيە لوگىكىسىنىڭ، ئەمەلىيەت لوگىكىسى بىلەن ئىدىيە لوگىكىسىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلىنى ئىلمىي خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ھەق – ناھەقنىڭ چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، سىياسەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدېئولوگىيە ساھەسى، بولۇپمۇ تارىخ ساھەسىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مىزان يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئامىلى، ئېسىل ئەنئەنىسى، ئورتاق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى قېزىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخىي پاكىتتىن قايىل قىلارلىق قاراشلارنى يەكۈنلەپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تۈپ ئورتاق قاراش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخ ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ماركسىزملىق شىنجاڭ تارىخى نەزەرىيە سىستېمىسى، تارىخ ماتېرىياللىرى سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، تەدبىر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى، يېتەكچىلىك ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەشنى مۇھىم تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

      تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئۆگىنىش – تەربىيەسى ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بىزنىڭ بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنىڭ پىروگراممىسى ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مەركەزلىك نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان تۈپ خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسلىلەرنى ھالقىمۇ ھالقا ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، توغرا قاراش ۋە ئوبيېكتىپ تارىخىي پاكىتنى تەتبىقلاپ، ئىدىيەۋى توسالغۇلارنى يوقىتىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلاش، ئىجتىمائىي تۇپراقنى ياخشىلاش، ئورتاق ئىرادىنى چىڭىتىش، مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چىقىش قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئالىيجاناب مەنىۋى ئىنتىلىشنى ئۆگىنىپ، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى قوبۇل قىلىپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تەسىرلىك، جانلىق سىياسىي تەربىيە، قىممەت قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل تارىخىي ئەنئەنىسىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ھېكايە ۋە قائىدىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز ۋە روھنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ، باھار شامىلى بىلەن ئىللىتىش، ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، ئۇزاققىچە تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، تىرىشىپ توغرا بولغان شىنجاڭ تارىخى بىلىملىرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، قان قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك