• ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘر ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-07 11:24
  • ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘر ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ

     «3D» ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ 0 دﯨﻦ 9 ﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن 10 ﻧﻮﻣﯘرﻧﻰ ﺗﺎق ﻧﻮﻣﯘر 1، 3، 5، 7، 9 ۋە ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘر 2، 4، 6، 8، 0 دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯜچ ﻧﻮﻣﯘرﻧﯩﯔ »ﺋﯜچ ﺗﺎق«، »ﺋﯜچ ﺟﯜپ«، »ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎق، ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ« ۋە »ﺑﯩﺮ ﺗﺎق، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯜپ« ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎر. »3D « ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ 1000 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺋﯜچ ﺗﺎق« ۋە »ﺋﯜچ ﺟﯜپ« ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪا 521 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ، »ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎق، ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ« ۋە »ﺑﯩﺮ ﺗﺎق، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯜپ« ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪا 573 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﺑﺎر.
       ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرى ﺗﺎق ۋە ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘرلارﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، دو ﺗﯩﻜﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺗﺎق - ﺟﯜﭘﻠﯜك ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎق  - ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘردﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ دو ﺗﯩﻜﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ.
       ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘرﻧﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ: 
       1. ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎق - ﺟﯜﭘﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯘش ﻛﯧﺮەك.
       2. ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘرﻧﯩﯔ ﺗﺎق - ﺟﯜﭘﻠﯜك ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤلاﺷﺘﯘرۇش ﻛﯧﺮەك.
       3. دەۋرﯨﻴﻠﯩﻚ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪر ﺑﻪش ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﺎرارﻧﻰ ﺑﯩﺮ دەۋر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎق - ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘرلارﻧﯩﯔ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
       ﺗﺎق - ﺟﯜﭘﻠﯜك ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪرﯨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜزەﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ »ﺋﯜچ ﺗﺎق« ﻳﺎﻛﻰ »ﺋﯜچ ﺟﯜپ« ﻧﻮﻣﯘر ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﺎرارلاردا ﺗﺎق ۋە ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘرلار ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ، ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ »ﺑﯩﺮ ﺗﺎق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯜپ« ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﺴﺎق، 50 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﻮﻣﯘر ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﮕﻪ دو ﺗﯩﻜﺴﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
       ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯜپ ﻧﻮﻣﯘر ﺑﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن 2، 4، 6، 8، 0 ﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 10 ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ 5 ﺧﯩﻞ ﺗﺎق ﻧﻮﻣﯘرﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜرۈپ 05 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﻧﻮﻣﯘرﻏﺎ دو ﺗﯩﻜﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا دو ﺗﯩﻜﯩﺸﻜﻪ 100 ﻳﯜەن ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، 160 ﻳﯜەن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮلا ﺗﺎق ﻧﻮﻣﯘرﻧﻰ ﺟﻪزﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜرەﻟﯩﺴﻪك 20 ﻳﯜەن ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻘلا ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
       ﺑﯘ ﻗﺎراردا »ﺋﯜچ ﺟﯜپ« ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘر ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﺴﺎق 2، 4، 6، 8، 0 ﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﻧﻮﻣﯘرﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ دو ﺗﯩﻜﺴﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا 10 ﮔﯘرۇﭘﭙﺎ ﻧﻮﻣﯘر ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ، 20 ﻳﯜەن ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻘلا 160 ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك