• قاراماي-جېڭجۇ-بوئاۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-13 03:20
  • قاراماي-جېڭجۇ-بوئاۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 16:55 ئۆتكەندە، بوئاۋدىن ئۇچۇپ جېڭجۇدا توختاپ ئۆتىدىغان UQ3569 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاراماي ئايرودۇرۇمىغا قونىشىغا ئەگىشىپ، قاراماي شەھىرىدە يېڭىدىن يەنە بىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى.

         ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان UQ3569/70 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بولۇپ، ھەر پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەت قاتناپ، B737-800 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

      بۇنىڭ ئىچىدە UQ3569 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 08:00دە بوئاۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:05 ئۆتكەندە جېڭجۇغا قونىدىكەن، سائەت 12:15 ئۆتكەندە جېڭجۇدىن ئۇچۇپ سائەت 16:55 ئۆتكەندە قارامايغا قونىدىكەن. UQ3570 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17:40 ئۆتكەندە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:40 ئۆتكەندە جېڭجۇدا قونۇپ، سائەت 22:40 ئۆتكەندە جېڭجۇدىن ئۇچۇپ ئەتىسى سەھەر سائەت 01:50 ئۆتكەندە بوئاۋغا قونىدىكەن.

      قاراماي-جېڭجۇ-بوئاۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى جېڭجۇ قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى ساياھەت بازارلىرى ۋە بوئاۋ قاتارلىق خەينەن ساياھەتچىلەر بازىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، قاراماي شەھىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك