• شىنجاڭدىكى كۆپ مەنزىرە رايونلىرى قىشتا نورمال تىجارەت قىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:14
  • شىنجاڭدىكى كۆپ مەنزىرە رايونلىرى قىشتا نورمال تىجارەت قىلىدۇ

    11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايون(نۇقتىسى)لىرى جەمئىيىتى شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ قىشلىق تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەمدە شىنجاڭ «باۋيۈشى» مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىيات ھەمكارلىق تەشەببۇسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يىغىنغا قاتناشقان 20دىن ئارتۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى قىشتا نورمال تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
        كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى جايلاشقان كۆكتوقاي ناھىيەسىدە قىشتا قار قېلىن ياغىدۇ، قىشلىق تىجارەت تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل قىشتا كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تىجارەت قىلىدۇ. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىمۇ تۇنجى قار تېيىلىش باشلىنىدۇ.
        بۇ يىل قىشتا، تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى «قار تېيىلىش + ئارشاڭغا چۈشۈش» ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىكى بىرلا خىل قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش ھالىتى ئۆزگەرتىلىدۇ؛ بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مەركىزى ئەتراپىدا مۇز تېيىلىش مەيدانى ياساپ، يولۇچىلارنى مۇزدا لەيلەش، مۇزدا چانا تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ نارات مەنزىرە رايونى قاردا ئات بەيگىسىگە چۈشۈش، ئات چانىسى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ۋە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك