• رونالدونىڭ <دوستلار چەمبىرىكى>دە نېمىلەر بار؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:19
  • رونالدونىڭ <دوستلار چەمبىرىكى>دە نېمىلەر بار؟

    دۇنيادىكى تور مەستانىسى ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سېلىننا گومېز؟ 


    توغرا، ئىككى يىلدىن بېرى سېلىننا توردىكى مەستانىسى ئەڭ كۆپ چولپان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ كولا ئىچىپ چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىگىلا 3 مىليوندىن ئارتۇق يۈرەك بېرىلگەن.

    ئەمما 9-ئايدا سېلىننا توردا قىسقىغىنا يازما ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ۋاسىتىلەردىن ۋاقتىنچە قول ئۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

    گەرچە سېلىننا تور ئالاقە ساھەسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەڭ داڭلىق تور چولپىنى تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالمىدى. ئەمما ئىككى يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلگەن بىرىنچىلىكتىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
    سېلىننانىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تور چولپىنى كىم؟
    بۇ يىللىق تور مەستانىسى ئەڭ كۆپ تور چولپانلىرىنىڭ يېڭى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان چولپاننىڭ مەستانىلىرىنىڭ سانى سېلىننانىڭكىدىن ئېشىپ چۈشۈپ يۈز مىليون 444 مىڭدىن ئارتۇق ئىدى. ئۇنداقتا بۇنچىلا مەستانىگە ئىگە بۇ تور چولپىنى كىم؟ ئۇ دەل كىرىستىيانا رونالدو! 

    ئەنگلىيەدىكى بىر كەسپىي ئىستاتىستىكا ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، رونالدونىڭ تور سودا قىممىتى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ، تور چولپان شاھىغا ئايلىنىپ قالاي دېگەن.

    رونالدو تور ئالاقە چەمبىرىكىگە زادى نېمىلەرنى يوللايدۇ؟ 
    ئۇنداقتا ئۇنىڭ تور ئالاقە چەمبىرىكىدە مەستانىلەرنى بۇنچە جەلپ قىلغۇدەك زادى قانداق مەزمۇنلار بار؟

    ئەمەلىيەتتە ئۇ چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان مەزمۇنلار ئانچە ئالاھىدىمۇ ئەمەس. خۇددى باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش رەسىملىرى ۋە تەسىراتلىرى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ توپ مەشىق قىلىۋاتقاندىكى رەسىملىرىنى ئالاقە چەمبىرىكىگە چىقىرىدۇ.

    يەنە كەسپىي ھاياتىدىكى نەتىجىلىرىنىمۇ يوللايدۇ. ئۇنىڭ بۇ رەسىمىگىلا 7 مىليون 515 مىڭ يۈرەك بېرىلگەن. 

    ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە بالىسى بىلەن بىللە ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشۈپ چەمبىرەككە چىقىرىدۇ. بۇ رەسىمگىمۇ 4 مىليونغا يېقىن يۈرەك بېرىلگەن.

    ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ئۇنىڭ تور ئالاقە چەمبىرىكىدە بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقاندىكى رەسىملىرىمۇ ئەلۋەتتە كەم بولمايدۇ.  ئۇ يەنە بالىسى ۋە ئامراق ئىتى بىلەن ئۆز تارتىم رەسىمگە چۈشۈپ چەمبىرەككە چىقىرىدۇ. ئۇ بالىلىرى بىلەن ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىمۇ  چەمبىرىكىگە كۆپ چىقىرىدۇ.  

    مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدەشمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر ھەۋىسى. شۇڭا ئۇ پات-پات مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدىگەندىكى رەسىملىرىنىمۇ ئالاقە چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويىدۇ.

    بەزىدە مەستانىلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى كۆرۈنۈشلەرنىمۇ يوللايدۇ.



    رونالدونىڭ تور مەستانىلىرى نېمىشقا بۇنچە كۆپ
    ئۇنىڭ مەستانىلەر قەلبىدىكى ئورنى ئۆزگەرمەيدىغاندەك قىلاتتى. رونالدونىڭ تور مەستانىلىرىنىڭ بۇنچە كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب زادى نەدە؟ رونالدونىڭ بىر مۇنەۋۋەر توپچى، بەدەن گۈزەللىك ساھەسىدىكى ياخشى باشلامچى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما بۈگۈن بىز ئۇنىڭ تور ئالاقە چەمبىرىكىنى سۆزلىگەن ئىكەنمىز، تور مەستانىلىرىنىڭ كۆپ بولۇش سەۋەبىنى يەنىلا ئۇنىڭ تور ئالاقە چەمبىرىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

    ئالدى بىلەن، رونالدونىڭ دوستلار چەمبىرىكىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول. ئۇنىڭدىن توپ مەستانىلىرىمۇ، چېنىقىش ھەۋەسكارلىرىمۇ، چوڭلار كىچىكلەر ئىشقىلىپ ھەممەيلەن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ئۆزىگە كېرەكلىك مەزمۇنلاردىن ئىلھام ئالالايدۇ.


    ئۇنىڭ چەمبىرىكى ناھايىتى ئەمەلىي. ئۇ باشقىلارغا تىرىشىڭلار دېمەيدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تىرىشقان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. 
    ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكى پۈتۈنلەي ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك مەزمۇن بىلەن تولغان. ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇنداق-مۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر بولىدۇ. لېكىن رونالدو پەقەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ياخشى تەرەپنىلا مەستانىلەر بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ چەمبىرىكىنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئىختىيارسىز كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ.


    ئۇنىڭ چەمبىرەك يېڭىلاش سۈرئىتى تولىمۇ تېز. ئاساسەن كۈندە دېگۈدەك يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئىككى- ئۈچنى چىقىرىدۇ.  شۇڭا، بۇرۇندىن تىرىشچانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان رونالدونىڭ بۇ يىللىق مەستانىسى ئەڭ كۆپ تور چولپىنى بولۇشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس.

     رونالدونىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.

    مەنبەسى :cnr




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك