• دىققەت: ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرنىمۇ «كىلون»لىغىلى بولىدىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:49
  • دىققەت: ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرنىمۇ «كىلون»لىغىلى بولىدىكەن

    تور دەۋرىدە ئالدامچىلارنىڭ نەيرەڭلىرى ھەر خىل بولماقتا. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈندىداردا پۇل سورىغانلارنىڭ ئۈندىدارى ئوغرىلاندىمۇ -يوق؟ ۋىرۇسلاندىمۇ -يوق؟ دېگەندەك گۇمانلاردا بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

    بىراق ھازىرقى ئالدامچىلار 
    «دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەپ»، 
    ئالدامچىلىق نەيرەڭلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە! 


    يېقىندا دۇڭ خانىم خىزمەت قىلىۋاتقاندا دادىسى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان. 
    ئۇچۇردا:« مەن تاللا بازىرىغا نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن، پۇل ئېلىۋالماپتىمەن، 200 يۈەن ئېتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن» دېيىلگەن. 
    دۇڭ خانىم دادىسىنىڭ يان تېلېفونغا كارتىنى باغلىمىغانلىقى، ئادەتتە نەق پۇل خەجلەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ھەمدە ھەقىقەتەن پۇل ئېلىۋالمىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان. 
    دۇڭ خانىم توردىكى ئالدامچىلىقلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ، دادىسىغا :«دادا، بۇ سىزمۇ؟» دەپ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتكەن. 
    دۇڭ خانىم ناھايىتى تېزلا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى، يەنى :« بۇ مەن !» دېگەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ ئاۋازنىڭ دادىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، 200 يۈەن ئېتىپ بەرگەن. 
    بىراق دۇڭ خانىم ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنىڭ بىلمىگەن...

    كېيىن ئۇ خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دادىسى بىلەن ئالاقىلەشمىگەن. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ، دادىسىدىن تاللا بازىرىغا بېرىپ نېمە سېتىۋالغانلىقىنى سورىغاندا، دادىسى ئەجەبلەنگەن ھالدا: «بۈگۈن مەن ئۆيدىن چىقمىدىم، تاللا بازىرىغا بارمىدىم» دېگەن. 
    دۇڭ خانىم كۆڭلىدە :«ئالدىنىپتىمەن- دە» دەپ ئويلىغان. 
    ئۇ دادىسىدىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن پۇل سورىمىغانلىقىنى بىلگەن. دادىسىنىڭ ئۈندىدارىدىمۇ پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىق خاتىرىسى كۆرۈنمىگەن. 
    گەرچە 200 يۈەن ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئالدام خالتىغا چۈشكەن دۇڭ خانىم ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان، ئۇ داۋاملىق تېلېۋىزور، گېزىت ۋە تورلاردا ئالدامچىلىققا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىر تېلېفون قىلىشتىن ئېرىنىپ، ئالدام خالتىغا چۈشۈپ كەتكەن. 
    دۇڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كېيىن تورغا چىقىپ  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «ساختا» ئۈندىدارنىڭ بارلىقى، ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغانلىقىنى، دادىسىنىڭ ئۈندىدارىنىڭمۇ ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. كېيىن ئۇ خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى يۆجىن يولى ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. 

    بۇ خىل ئالدامچىلىق قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ 
    بۇ خىل ئالدامچىلىقتا  ئاۋۋال ئۈندىدار نومۇرى ئوغرىلىنىدۇ، ئاۋازلىق ئۇچۇرمۇ ئالدىن ئۈنگە ئېلىنىدۇ. كۆپچىلىك ھەقىقىي ئاۋازلىق ئۇچۇرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىگە قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. 
    شىجياجۇاڭ شەھەرلىك تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ساقچىسى بۇ خىل ئالدامچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىنى تونۇشتۇردى: 
    1. يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ياغاچ ئات ۋىرۇسى كىرگۈزۈلۈپ، ئۈندىدار نومۇرى ئوغرىلىنىدۇ؛ 
    2. «ئۈندىدارنى كىلونلاش» يۇمشاق دېتالى سېتىۋېلىنىدۇ؛ 
    3. كىلونلانغان ئوخشاش ئۈندىدار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىنىدۇ. 

    ئاۋازلىق ئۇچۇرنىمۇ ئالماشتۇرۇپ يوللىغىلى بولامدۇ؟

    بۇ خىل كىلونلانغان ئۈندىدارغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەشغۇلات قىلىش بېتى ھەقىقىي ئۈندىدارغا ئوخشاش بولىدۇ. ئوغرىلانغان ئۈندىداردىكى بارلىق ئالاقىلەشكۈچىلەر ۋە دوستلار چەمبىرىكىمۇ بار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۈندىداردىكى دوستلارنى قوشقىلى، يۇيۇۋەتكىلىمۇ بولىدۇ. 
    «بىر كۇنۇپكا بىلەن ئالماشتۇرۇپ يوللاش» ئىقتىدارى بىلەن شۇ ئادەم ئۆزى ئەۋەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئالماشتۇرۇپ يوللىغىلى بولغاندىن باشقا يەنە دوستلار ئەۋەتكەن ياكى توپتىكى ھەر قانداق بىر ئاۋازلىق ئۇچۇرنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئالماشتۇرۇپ يوللىغىلى بولىدۇ. 

    دوستلار چەمبىرىكىنى «كىلونلاش»قا نەچچە سېكۇنتلا كېتىدۇ

    بۇ خىل يۇمشاق دېتالدا دوستلار چەمبىرىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن «كۈچەيتىلگەن ئىقتىدار»لار بار. مەسىلەن، ئۈندىدارنىڭ ئالاقىلەشكۈچىلەر تىزىملىكىدىن بىر دوستنى تاللاپ، ئۇنىڭ «شەخسىي ئالبومى»نى ئېچىپ، ئالبومدىكى بارلىق رەسىمنى تۈركۈملەپ نۇسخىلىغىلى بولىدۇ، بىر دوستنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى «كىلونلاش»قا نەچچە سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. 
    كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئالاقىلەشكۈچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن باشقا يەنە ناتونۇش كىشىلەر بولسىمۇ، دوستلار قاتارىغا قاتماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى «كىلون»لىغىلى بولىدۇ. 

    بۇ خىل ساختا ئۈندىدار ئاشكارا سېتىلىدىكەن 



    سېتىۋالغۇچى قالدۇرغان باھاغا قارىغاندا، ئۈندىدار ئورگان دائىرىلىرىمۇ بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارغا ئىزچىل زەربە بېرىۋېتىپتۇ. بىر ئابۇنىچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى بىر قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نومۇرى بىۋاسىتە پېچەتلەنگەن. 

    تېڭشۈن خىزمەتچىلىرىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى 

    ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئالماشتۇرۇپ يوللاشقا بولىدۇ، دېيىلگەن بۇ خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى قىستۇرما شەكلىدىكى يۇمشاق دېتالدۇر. بۇ خىل دېتاللار ئۈندىدارنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە داۋاملىق ئارقا ئىشىك ئېچىپ قويۇش ۋە ياغاچ ئات ۋىرۇسى قالدۇرۇپ قويۇشتەك ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. 

    بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى : 
    بۇ خىل ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، تورغا چىققاندا چوقۇم ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، باشقىلارغا ئۈندىدار نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى ئالدىراپ ئاشكارىلىماسلىق كېرەك. 
    ناۋادا دوستلار پۇل سورىسا، چوقۇم تېلېفون قىلىپ جەزملەشتۈرۈش كېرەك. 
    دوستلارنىڭ ئىسمىنى ئىزاھلاپ قويۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، بۇنىڭ «كىلون»لانغان دوستلارنى پەرقلەندۈرۈشكە پايدىسى بار، ئۈندىدارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغان ھامان، نومۇرنى دەرھال توڭلىتىۋېتىش، دوستلارغا ئالدىنىپ قالماسلىق توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىش، دەل ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئامالنىڭ بارىچە QQ ۋە ئۈندىدارنى ئۆز ئارا باغلاپ قويماسلىق، ئىككى نومۇرنىڭ تەڭلا ئوغرىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. 

    مەنبەسى :uycnr




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك