• بۇ «يەرلىك زومىگەر»لەر يوقىتىلىپ ھەجەپ ئوبدان بولدى…

  • يوللىغۇچى : dhlmurft
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:30
  • بۇ «يەرلىك زومىگەر»لەر يوقىتىلىپ ھەجەپ ئوبدان بولدى…

    قارا كۈچلەرنى تازىلاش 2018-يىلى پۈتۈن جۇڭگو بويىچە جامائەتچىلىكنىڭ ئېغىزىدىكى ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان، باشقىلارنى بوزەك قىلىپ بازارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، يېزىلاردا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان رەزىل كۈچلەر، «يەرلىك زومىگەر»لەر، «قارا كاتتىباش»لار بىر بىرلەپ قانۇن تورىغا چۈشتى. ئاۋام تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندى.
    باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، بازارنى ئىگىلىۋېلىش
    —— ئۇلار تۇتۇلۇۋىدى، گۆشنىڭ باھاسى 3 يۈەن چۈشتى
    بۇ يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھىرى شيەنئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى رۇەن جيەنگو قاتارلىق 23 ئادەمنىڭ قارا گۇرۇھۋازلىققا چېتىشلىق دېلوسىنى قاراپ چىقتى، ئەيىبلىگۈچى ئوقۇپ ئۆتكەن 40 مىنۇتقا سوزۇلغان ئەيىبنامىدە، بۇ قارا گۇرۇھنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تولۇق ئېچىپ بېرىلدى.

    شيەننىڭ شەھىرىدە، رۇەن جيەنگو، شې يىگۇڭ گۇرۇھى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق «گۆش زومىگىرى» بولۇپ قالغان. ئۇلار شيەننىڭ شەھىرى شيەنئەن رايونىدىكى مىلىچمال بازىرىنىڭ گۆش تەمىناتىنى ئالىقىنىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ مىنكاڭ شىركىتىنىڭكىدىن باشقا قۇشخانىلاردىن گۆش سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلغان.
    ئۇلار بىر ئۇچۇم «شايكا»لارنى ئەتراپىغا توپلاپ، «يەر ئاستى تەكشۈرۈش ئەترىتى» قۇرغان، «يات قۇشخانا گۆشى»نى توشۇۋاتقان ياكى سېتىۋاتقان ماشىنىلارنى بايقاپ قالسا، قوللىرىغا قاتىللىق قوراللىرىنى ئېلىپ، تاشيوللار ۋە كىچىك كوچىلاردا بۇ ماشىنىلارنى توسۇۋېلىپ ئۇرۇپ چاققان، ماشىنىنى تۇتقۇن قىلىپ، «يات قۇشخانا»دىن ئەكەلگەن گۆشلەرنى تارتىۋالغان.
    ئۇلار يەنە پارا بېرىش يولىنى تۇتۇپ، ئۆز ئادىمىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شيەنئەن رايونلۇق يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرى ئىدارىسى تەكشۈرۈش شۆبە ئىدارىسىغا «ئىچكى خەۋەرچى»لىككە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئادەم ياردەمچى خادىم سالاھىيىتىدە كۈندىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە چىققان. 
    بۇ «گۆش زومىگىرى» گۇرۇھى تۇتۇلغاندىن كېيىن، بۇ جايدا ھەر بىر كىلوگرام گۆشنىڭ باھاسى 3 يۈەن چۈشكەن. بۇ ساندىن بۇ گۇرۇھنىڭ تەسىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى مەلۇم.

    يېزا-كەنتتە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش
    —— ئاپتوموبىل يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر توخۇنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان
    بۇ يىل 8-ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى يىراق-يېقىنغا ئاڭلانغان بىر «قارا كۈچلەرنى تازىلاش» دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرى خۇدۇڭ بازىرى شياپۇ كەنتىدىكى «كەنت زومىگىرى» چېن جىنچاۋغا 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

    لۇ فېڭ شەھىرىدە، چېن جىنچاۋ زومىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان شەخس ئىدى.
    2015-يىل 9-ئايدا، چېن جىنچاۋ ئۆزى ياسىۋالغان پالتا بىلەن كەنت ئېغىزىدىكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تاكسىنى چېقىۋەتكەن، تاكسى ئىچىدىكى يولۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىچىك ماشىنا بىر توخۇنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى دېگەن باھانە بىلەن بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسىدىن 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.
    ئىككى تەرەپ كېڭىشىش داۋامىدا، ئۇ يەنە پالتىسى بىلەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋەتكەن، تۆت چاقىغا پىچاق تىقىۋەتكەن، يەنە 64 تىپلىق تاپانچا ۋە گىرانات چىقىرىپ ماشىنا ئىگىسىگە تەھدىت سالغان، ماشىنا ئىچىدىكى بىر يولۇچى قورققىنىدىن ھوشىدىن كەتكەن.
    «ئەمەلدار چوڭام» بولۇۋېلىش
    —— ئۆزىنى «ئالىيلىرى» دەپ چاقىرتقۇزغان، مەجبۇرىي تازىم قىلدۇرغان
    ئاساسىي قاتلاملاردا قانات يايدۇرۇلغان قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش كۈرىشىدە، كەنت كادىرى «كەنت زومىگىرى» بولۇۋالغان دېلولار ئاز ئەمەس.
    2013-يىل 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى ۋۇياڭ ناھىيەسى لىخې كەنتىدىن دەرغەزەبلەنگەن 100گە يېقىن كەنت ئاھالىسى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىشىپ ئەرزىيەت سۇنغان ھەمدە ئۆز كەنتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنگونى پاش قىلغان. كەنت ئاھالىسى ئەرزىيەت سۇنغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جاڭ جيەنگونى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
    -سىلەرغۇ مېنى تەكشۈرۈۋېتىپسىلەر، ھازىر مەن كەنتكە قايتسامچۇ، كەنتتىكىلەرنىڭ مېنى «ئالىيلىرى» دەپ چاقىرماي ھەددى ئەمەس!
    جاڭ جيەنگونىڭ بۇ گېپى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.
    لىخې كەنتىدە، كەنت كادىرى جاڭ جيەنگونىڭ مۇشتۇمزورلۇقلىرى، ئۆزىنى كۆككە ئۇچۇرۇپ قىلغان ئەسكىلىكلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن. ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ چوڭ-كىچىك ھەممە ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ گېپىنى گەپ قىلىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكىلەرنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا «ئاۋۋال ئىشىكىم يېنىدىن ئۆتسۇن» دېگەن تەلەپنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشقا قىستىغان.
    جاڭ جيەنگونىڭ بىر جەمەت تاغىسى ئۆيىدە مېيىت ئۇزاتماقچى بولغان. ئۇ جاڭ جيەنگوغا بولغان «ھۆرمەت» يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا «ئەھۋالنى دوكلات قىلغان». ئۇ «دوكلات»ىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئەمدى قايتىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، جاڭ جيەنگو ئۆلۈم ئىشى نەس باستۇرىدۇ دېگەن باھانە بىلەن بۇ جەمەت تاغىسىنى ئۆزىگە تازىم قىلىپ باش ئۇرۇشقا قىستىغان.
    لىخې كەنتىدە، يالغۇز جاڭ جيەنگولا مۇشتۇمزورلۇق قىلىپلا قالماي، يەنە ئايالى جاڭ ئەيپىڭمۇ ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى دەستەك قىلىپ ئۆز يېنىغا مال-مۈلۈك توپلىغان. شۇ چاغدا، كىمنىڭ ئائىلىسىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ لىخې كەنتىنىڭ ئاياللار خىزمىتى مۇدىرى، جاڭ جيەنگونىڭ ئايالى جاڭ ئەيپىڭغا پۇل تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
    2014-يىل 12-ئايدا، ۋۇياڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىپ، جاڭ جيەنگوغا مۇددەتلىك 17 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.


    قارا، رەزىل كۈچلەرگە «كۈنلۈك» بولۇپ بېرىش
    —— قىمارۋازلار جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىغا «قاراپ قويۇڭ» دەپ پارا بەرگەن
    2017-يىل 2-ئايدا، «3-ۋېن چوڭام»، «چاڭشادىكى قارا كاتتىباش» دەپ ئاتالغان ۋېن ليېخۇڭ تۇتۇلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇنەن ئۆلكىسى بىر قانچىلىغان نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، خۇنەن ئۆلكىلىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى جوۋ فۇبو بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، جوۋ فۇبو شاۋياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، قىمارغا ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى شاۋياڭدىن چاڭشاغا كېلىپ، ئۇدۇللا قىمار سورۇنىغا كېلىدىكەن ھەمدە بۇ يەردە ۋېن ليېخۇڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قىمار ئويناپ، تاكى يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئاندىن شاۋياڭغا قايتىپ كېتىدىكەن، ئىككى كۈندۈز ۋە ئىككى ئاخشامنى قىمار ئۈستىلىگە چاپلىشىپ ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇتتۇرغان پۇلى ئەڭ كۆپ بىر قېتىمدا 2 مىليون يۈەنگە يەتكەن. پۇلنى ئۇتتۇرۇۋەتسە، ۋېن ليېخۇڭنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان.
    جوۋ فۇبو جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، ۋېن ليېخۇڭ ئۇنىڭدىن قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى كۆتۈرۈۋەتكەن. ئەمما غايەت زور سوممىلىق قەرزنى قايتۇرۇۋېتىشكە ئىزچىل ئامال قىلالمىغان جوۋ فۇبو ۋېن ليېخۇڭ قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرگە «قوغداش كۈنلۈكى» بولغان. 2015-يىلى، چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋېن ليېخۇڭنىڭ قانۇنسىز تىجارەت دېلوسىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، جوۋ فۇبو ئەھۋالنى قىلچە ئىگىلىمەي تۇرۇپلا چاڭشا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى رەھبەرلىرىگە تېلېفون بېرىپ، دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
    تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، جوۋ فۇبونىڭ مەسىلىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا جوۋ فۇبونىڭ مەسىلىسى ھوقۇق-سەتەڭ سودىسى ۋە پۇل-سەتەڭ سودىسى قىلىش، پۇل-بۇيۇم سوۋغات ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىدىن مەجبۇرىي غايەت زور سوممىلىق قەرز ئېلىپ پاي چېكى ئويناش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەدلىيە پائالىيىتىگە دەخلى قىلىش ۋە قول تىقىش؛ قىمار ئويناش، ئوينىغان قىمار سوممىسى غايەت زور چەككە يېتىش قاتارلىقلار، دېيىلگەن.

    مەنبەسى :uycnr




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك