• ئۆزىڭىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ، بەك جاپالىق ياشاپ كەتمەڭ

  • يوللىغۇچى : ئاينۇر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 01:30
  • ئۆزىڭىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ، بەك جاپالىق ياشاپ كەتمەڭ

    شۇنداق بىر ۋاقىتلار بولىدۇ
    تۇيۇقسىز تۇرمۇشنىڭ بەك ھارغىنلىقىنى ھېس قىلىپ قالىدىغان 
    كەيپىيات جىلغا ئاستىغا كىرىپ قالغان 
    خۇددى ھەممە نەرسە كۆڭۈلگە ياقمايدىغاندەك 
    بېسىمنىڭ دەستىدىن ئادەم نەپەس ئالالماي قالىدىغان 



    دائىم ئاشۇنداق بىر ۋاقىتلار بولىدۇ 
    كۆڭۈلسىز ئىش بار يوقلىقىنى بىلمەيدىغان 
    لېكىن قەتتىيلا خۇشال بولالمايدىغان
    روھ تەندە يوق 
    ﻫھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ خوش ياقمايغان



    يەنە دائىم ئاشۇنداق بىر ۋاقىتلار بۇلىدۇ
    كۆز ئالدىدىكى بارلىق يۈكلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ
    كۆز ئالدىدىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭلاردىن بەدەر قېچىپ
    بىرمۇ تونۇيدىغان ئادەم بولمىغان جايغا بېرىپ
    بىر خىل ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرگىسى كىلدىغان



    تۇرمۇش
    ھەمىشە ئادەمنى پايپېتەك قىلىپ، ئادەمنى ھارغۇزىدۇ
    پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش قىلىغىزىدۇ
    ئائىلىسىنى بېقىش بىلەن ئالدىراش قىلىغىزىدۇ
    تىرىكچىلىك يولى بىلەن ئالدىراش قىلغىزىدۇ 
    بەك چارچىغاندا
    توختاپ ئارام ئېلىشمىز كېرەك
    ئۆزىمىزنى بەك قىستاپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك
    ئىچى سىقىلغاندا
    كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدىغان ئىشنى تېپىپ
    ئەركىن-ئازادە ياشاشىمىز كېرەك



    كونىلار ئېيتىدۇ
    ھايات ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا
    كىمنىڭ ھېرىپ كەتمەيدىغان ۋاقتى بولسۇن؟
    كىمنىڭ ئىچى سىقىلمايدىغان ۋاقتى بولسۇن؟
    شۇڭلاشقا،بىرەر ئىشقا يۇلۇقسىڭىز جىق ئويلاپ كەتمەڭ
    ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق تەس ئەمەس
    ھېچقايسىمىز خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس 
    قانداقمۇ ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك،ئويلىغىنىمىزدەك بولۇپ كىتەلىسۇن؟
    بىر ئۆمۈر ئۇزۇن ئەمەس
    ئۆزىڭىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ

    ھەرگىزمۇ بەك جاپالىق ياشاپ كەتمەڭ



    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك