• ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-21 04:36
  • ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

      باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

      شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

      مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگونىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى كادىرلار ئىستىلى مەسىلىسىنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال ئۆزگەرتىش ئەھۋالى ۋە بۇ يىل قىش، كېلەر يىل ئەتىيازلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

      چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، تۈپ تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭنى نازارەت قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سالمىقى تېخىمۇ زور، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، رولى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تونۇش ئېنىق، ئوبيېكت ئېنىق، يول ئېنىق، ئۆلچەم ئېنىق، كەيپىيات ئېنىق، مەبلەغ ئېنىق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېنىق، مەسئۇلىيەت ئېنىق، نىشان ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

      بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

      ئىككىنچى، دەل جايىدا بولۇش تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش، بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالىلەر ئۇچۇر ماتېرىيال ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى پۇختا ياخشى ئىشلەش، پەرقلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈش، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىش، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم يۆلەش، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم چېكىندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

      ئۈچىنچى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش بايلىقلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈش ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىپ قارىسىغا ئىشلىمەسلىك، ھەم پاسسىپ بولۇپ كەينىگە سۆرىمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، ھەم شەرتنى يۇقىرى قويۇۋالماسلىق، فوكۇس نۇقتىسىنى چېچىۋەتمەسلىك، نىشان مەركىزىنى ئۆزگەرتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىش، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنىمۇ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىدىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلىش كېرەك.

      تۆتىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇش، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرمۇ كەنت، بىرمۇ كىشىنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      بەشىنچى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزام ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇش، قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىر پۇڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ نامرات ئاھالىلەرگە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      ئالتىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، شەھەر- ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە چۈشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىش، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىلىق رولىنى، ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نامرات كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، خادىملار ئەمەلىيلىشىش، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلىشىش، خىزمەت ئەمەلىيلىشىش، ئۈنۈم ئەمەلىيلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەش كېرەك.

      يەتتىنچى، مەبلەغ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۆستۈرۈش، زاپاس تۈرلەرنى ئىلمىي دەلىللەش، مەبلەغنىڭ بىكار تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ مالىيە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەلۇم قىلىش، ئەنگە ئېلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى ئاشكارا يۆلەش، نامراتلارنى پاك يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

      سەككىزىنچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىغا بولغان تەشۋىقات، تەربىيە، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى كۈچەيتىش، ياردەم بېرىش- يۆلەش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش، نامرات ئاممىنى «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

      توققۇزىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياخشى مۇھىت يارىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇ، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، چېڭ جېنشەن، ليۇ جيەنشىن، ياڭ يۇڭ، ياۋ شىنمىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك