• تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان چىرايلىق ئايالنىڭ نامى چىقتى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:41
  • تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان چىرايلىق ئايالنىڭ نامى چىقتى

    11-ئاينىڭ 20-كۈنى @ تىنچ-ئامان ميەنياڭ مىكرو بىلوگىدا، پاش قىلىنغان «ھاراق بېدىكى» ئالدامچىلىق جىنايەت شايكىسىدىكى قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان ھەمدە يەتتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە رەسىمىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يىپ ئۇچلىرى بىلەن ئاكتىپ تەمىنلىشىنى، قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى بايقىغان ھامان دېلو مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرى ئىچىدىكى «چىڭچېن جىڭلياڭ» ئىسىملىك بىر ئايال جىنايەت گۇماندارىنىڭ، گۈزەل رۇخسارى بىلەن ئويلىمىغان يەردىن نامى چىقىپ كەتكەن.

    بۇ قېتىم جەمئىي يەتتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە رەسىمى ئاشكارىلانغان. بۇ «چىڭچېن جىڭلياڭ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئايال ۋە لۇ شىڭبو باشچىلىقىدىكى ئىككى ئەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.



    ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئامما تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىلىرىنى، ج خ ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ راستلىقىنى ئىسپاتلىغاندا ھەمدە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئوڭۇشلۇق تۇتقانلىرىدا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، پاش قىلغۇچىغا 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىدىكەن. ج خ ئورۇنلىرى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى ياكى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلارنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق مەخپىي ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


    لېكىن بۇ سۈرلۈك ئۇقتۇرۇشنىڭ شەكلى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. كەڭ تورداشلار دىققەت قىلىش نۇقتىسىنى «چىڭچېن جىڭلياڭ» ئىسىملىك بىر ئايال جىنايەت گۇماندارىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ئىسىمىگە قاراتقان.


    مىكرو بىلوگنىڭ باھا بېرىش رايونىدا، ئەھۋال مۇنداق بولغان.


    بۇ «ھاراق بېدىكى» شايكىسى بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جىنياڭدىكى نۇرغۇن قاۋاقخانا، چايخانىلاردا دېلو سادىر قىلغان. نۆۋەتتە، تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشقا تەستىقلانغان، قېچىپ يۈرگەنلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتۇۋاتقان بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن يىپ ئۇچلىرى بىلەن ئاكتىپ تەمىنلىشىنى، قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى بايقىغان ھامان دېلو مەلۇم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مەنبەسى :خەلق تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك