• 16ياشلىق قىز يەڭگىگەن، بالىنىڭ دادىسى...

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:18
  • 16ياشلىق قىز يەڭگىگەن، بالىنىڭ دادىسى...


    11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھىرى خۇەييىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مېڭىپ چىققان ۋاڭ جەن ئاتا بالىنىڭ يۈزىگە يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان كۈلگە قايتا پەيدا بولدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ قىزى ۋاڭ فاڭنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش تەلىپىگە جاۋاب بېرىش خېتى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى.

    2017-يىلى 3-ئايدا، ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن ۋاڭ فاڭ تۇيۇقسىز ئۆيىدە بىر قىز بوۋاق يەڭگىگەن، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى بالىنىڭ دادىسىنىڭ خۇەييىن رايونلۇق يۈگوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن فامىلىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، سۈن فامىلىلىك ناھايىتى تېزلا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
    لېكىن يېقىندا ۋاڭ جەن ئاتا-بالا ئىككىيلەن ئويلىمىغان بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى خوەييىن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە سۈن فامىلىلىكنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، ۋاڭ فاڭ خۇەييىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە خاتالىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئېتىراز بىلدۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ۋاڭ فاڭنىڭ ئانىسى بۇرۇنلا ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ سىڭلىسى، دادىسى، ياشىنىپ قالغان مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەندە، ئۆيدە ۋاڭ فاڭنىڭ مومىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ھاممىسى تۇيۇقسىز بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئارقىدىن ئۆيدىكى مۇنچىدا ۋاڭ فاڭنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاقنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرگەن. ۋاڭ فاڭنىڭ ھاممىسى دەرھال سىرتتا ئىشلەۋاتقان ۋاڭ فاڭنىڭ دادىسى ۋاڭ جەنگە بۇ ئىشنى ئېيتقان شۇنداقلا 120گە تېلېفون قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرغان.
    ئۆيدىكىلەر ۋاڭ فاڭدىن زادى نېمە بولغانلىقىنى توختىماي سورىغان، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ھەممەيلەننى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان، چۈنكى ئۇ پەقەت بالىنىڭ دادىسىنىڭ سۈن مۇئەللىم دەيدىغان بىرەيلەن ئىكەنلىكىنىلا بىلىدىكەن. كەينىدىن ئۇ يەنە ئاتالمىش بۇ سۈن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى ئۆيدىكىلىرىگە دەپ بەرگەن. ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ۋاڭ جەن ئاندىن قىزى تۇغقان قىز بوۋاقنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلىدە خۇەييىن رايونلۇق يۈگوۋ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر مۇئەللىم ئىكەنلىكىنى، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپتە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلگەن.
    سۈن فامىلىلىكنىڭ ماتېرىياللاردىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا 1962-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ھەقىقەتەن يۈگوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىشلەيدىكەن. ۋاڭ جەن قىزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىڭلىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، قىزى 15ياش ۋاقتىدا سۈن فامىلىلىكنىڭ ۋاڭ فاڭ مەكتەپكە بارغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتىدىغان ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ، ئالداش، قورقىتىش، زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىقىنى بىلگەن. غەزەپلەنگەن ۋاڭ جەن ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاللىغان. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، سۈن فامىلىلىك باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

    ئەمما دېلو بىجىرگۈچى خادىملار ئالدىدا سۈن فامىلىلىك جىنايەت قىلمىشىنى ئىقرار قىلمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئايالىدىن باشقا ئادەم بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئالتىنچى قېتىم سوراق قىلىنغاندا ئاندىن ۋاڭ فاڭ بىلەن بىللە بولۇپ باققانلىقىنى ئېيتقان، چۈنكى بۇ قېتىمقى سوراقتا دېلو بىجىرگۈچىلەر ئۇنىڭغا ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاش دوكلاتىنى كۆرسەتكەن، بۇ دوكلاتتا قىز بوۋاقنىڭ ھەقىقەن ئۇنىڭ بىلەن ۋاڭ فاڭنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
    سۈن فامىلىلىك نېمە ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ شۇنداق قىلسام بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كېتەر دەپ ئويلىغان بولۇپ، كەينىدىن باھالاش دوكلاتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ھەم بۇ ئىشنى يوشۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلگەن.
    ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ۋاڭ فاڭغا دەرس ئۆتۈپ باققان بولۇپ، ۋاڭ فاڭ بىلەن سىڭلىسىنىڭ مەكتەپكە بارغاندا ئۆزىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، بەزىدە ئۇلارمۇ ئۆيىگە كېلىپ ئوينايدىكەن.
    ئالتىنچى قېتىملىق سوراقتىن كىيىن، سۈن فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ۋاڭ فاڭغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ۋاڭ فاڭنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقىدا بىللە بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر قېتىم ئۇنىڭغا بىر، ئىككى يۈز يۈەن بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
    سۈن فامىلىكنىڭ بۇ گەپلىرىگە قارىتا، ۋاڭ فاڭ ئۆزىنىڭ مەجبۇرلانغانلىقىنى، سۈن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە پۇل بەرگەندە تەھدىت سېلىپ باشقا ئادەمگە ئېيتىشقا بولمايدۇ دېگەنلىكىنى ئېيتقان. ۋاڭ فاڭ سۈن فامىلىلىكنىڭ دائىم يول بويىدا ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقى، بەزىدە سىڭلىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئامالسىز گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    بۇ يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى خوەييىن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە سۈن فامىلىلىكنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق ئىككى خىل قارىمۇ-قارشى پىكىر پەيدا بولغان:
    بىرى، سۈن فامىلىلىك باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭغا 11يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، سەۋەبى ئۇ سۈن فاڭ بىلەن كۆپ قېتىم بىللە بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىز بوۋاق تۇغۇشىغا سەۋەبچى بولغان، جىنايىتى ئېغىر. يەنە كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قۇرامىغا يەتمىگەن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، شۇڭلاشقا 10يىلدىن يۇقىرى قاماق جازىسى بېرىش كېرەك.
    ئىككىنچى خىل پىكىردە بولسا، ۋاڭ فاڭ بىر تەرەپلا سۈن فامىلىلىكنى زوراۋانلىق قىلغان دېگەن، يەنە كېلىپ زوراۋانلىق قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىدە ئالدى- كەينى پەرق بولغان، يەنە كېلىپ بىللە بولغان قېتىم سانىمۇ سۈن فامىلىلىك دېگەن بىلەن ئوخشاش بولمىغان، سۈن فامىلىلىكمۇ ۋاڭ فاڭغا پۇل بەرگەن، سۈن فامىلىلىكنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ بېكىتىشنىڭ گۇمانى كۆپ بولۇپ، باشقا مۇمكىنچىلىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن.
    كەينىدىن خۇەييىن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: 2016-يىلى، 5-6-ئايلاردىن باشلاپ، سۈن فامىلىلىك 2001-يىلى تۇغۇلغان ۋاڭ فاڭنى ئۆيىگە ئەكېلىپ، زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىللە بولغان. شۇنداقلا ئاخىرى بىر قىز بوۋاق تۇغۇلغان، شۇڭلاشقا باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ دېلو يۈز بەرگەندە ۋاڭ فاڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىكەن، ھازىر قىزىغا ھاممىسى قاراپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ۋاڭ فاڭ سۈن فامىلىلىكنىڭ بالا ئۈچۈن ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېقىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتقان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە بىر كەسپىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاڭ فاڭ مەكتەپتىن چېكىنگەن.

    مەنبەسى :uycnr




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك