• ئۈندىدارغا قىز خىزمەتداشلىرىغا شەھۋانىي پاراڭ قىلغان ئەر جازالاندى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:01
  • ئۈندىدارغا قىز خىزمەتداشلىرىغا شەھۋانىي پاراڭ قىلغان ئەر جازالاندى

    11-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇبېي شياۋگەن شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسى (قىسقارتىلىپ شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىدارىسى دېيىلىدۇ) نىڭ بىر خىزمەتچىسى ئۈندىداردا ئاياللارغا پاراكەندىچىلىك قىلىشقا چېتىلغان. 23-چېسلا، مەزكۇر شەھەرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ پېڭپەي خەۋەرلىرىگە ئەۋەتكەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، ئاشكارىلىغۇچى توردا ئېلان قىلغان «مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى جاڭ لياڭ» دېگەن ئادەم، ئەمەلىيەتتە ئىدارىنىڭ تارىمىقىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن شياۋگەن شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جيې بولۇپ، ھازىر خىزمەتتىن توختىتىلغان.

    توردا تارقالغان جاڭ X نىڭ بىر ئايالنى پاراكەندە قىلغان ئۈندىدار خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۈرىتى

    يۇقىرىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، «مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى جاڭ لياڭنىڭ «يوشۇرۇن قىز دوست تېپىش» پاراڭلىشىش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۈرىتى ۋەقەسى توردا تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئىدارە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ تارمىقىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن شياۋگەن كۇتۇپخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ لياڭ بىلەن توردا تارقالغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىغان. ئاشكارىلىغۇچى توردا ئېلان قىلغاندا قويغان تېمىدىكى «مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى جاڭ لياڭ» دېگەن ئادەم، ئەمەلىيەتتە، شياۋگەن شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جيې بولۇپ چىققان. نۆۋەتتە، مەزكۇر ئىدارە، جاڭ جيېنى قاتتىق تەنقىدلەپ، خىزمەتتىن توختىتىشنى قارار قىلغان، تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مەنبەسى :uycnr.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00