• دادا بولۇشتىن بۇرۇن تولغاق ئاغرىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-26 01:57
  • دادا بولۇشتىن بۇرۇن تولغاق ئاغرىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن


    ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، بىر كۈندىلا تۇغىدۇ، ئەرلەر دادا بولۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىدىكى جاپا-مۇشەققىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ ھېس قىلالمايدۇ. لېكىن بىر خىل ئاپپارات بار بولۇپ، دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەرلەرگە، ئاياللىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۇغۇت ئاغرىقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.

    نەتىجىدە، ئەرلەرنىڭ چىرايى بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن- «بولالمىدىم، راستلا!»، «بوكس ئويناپ تاياق يېگەندىنمۇ بەك ئاغرىيدىكەن!»، «قورسىقىمغا بىرى بومبا قويۇپ قويغاندەكلا تۇيغۇ بەردى!» «ئاپام بىلەن سىندا پاراڭلىشىمەن!»...

    ھېلىمۇ ياخشى بىر تۈرلۈك يېڭى سىياسەت ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئاياللارنىڭ ئازابىنى كۆپ يىنىكلىتىشى مۇمكىن.
    يېقىندا، ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىدىكى بەدەن سەرپىياتى ۋە ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى «تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى توختىتىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە، بەلگىلىك مىقداردىكى دوختۇرخانىلارنى تاللاپ، تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىش داۋالاش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

    ئۇقتۇرۇشتا، تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى توختىتىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىكى ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغۇش نىسبىتىنى ئازايتىپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، تەبىئىي تۇغۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ھامىلىدار ئاياللار بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرىلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    بۇنىڭدىن سىرت، دوختۇرخانىلارمۇ تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىقنى توختىتىش خىزمىتىنى خادىم، ئۈسكۈنە-ئەسلىھە ۋە زۆرۈر بولغان سىياسەت جەھەتلەردىكى قوللاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر بولغان قوللاش بىلەن تەمىنلىشى، داۋالىغۇچى خادىملارنى تەڭشەپ، تۇغۇتتىكى ئاغرىق توختىتىش خىزمىتىدىكى ئاكتىپلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك