• نۇرغۇن كادىرلار ئۈندىداردا مۇنداق قىلغانلىقتىن جازالاندى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-29 06:31
  • نۇرغۇن كادىرلار ئۈندىداردا مۇنداق قىلغانلىقتىن جازالاندى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يانفون ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى بارغانسېرى ئومۇملاشتى، نۇرغۇن دۆلەت مەمۇرلىرى ئۈندىدارنى كۈندىلىك خىزمىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئورۇنلار ئۈندىداردا خىزمەت توپى قۇرغان.

    ئۈندىداردا خىزمەت بېجىرىش خىزمەتكە ھەقىقەتەن بىر قىسىم قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشۇرغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈندىداردا ئىش بېجىرىش سەۋەبىدىن مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش دېلولىرىمۇ تەدرىجىي كۆپەيگەن.

    ئۈندىداردا ئىش بېجىرىش جەريانىدا مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا قانداق ئەھۋاللار بار؟ بۇنىڭدىن قانداق مەسىلىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟ قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟



    تىپىك دېلو مىساللىرى


    بىرىنچى دېلو: جىددىي يەتكۈزۈش جەريانىدا مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش

    2016-يىلى 10-ئايدا، مەلۇم شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مەلۇم بۆلۈمى مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ھۆججەتنى بېسىپ تارقاتقان، ھەمدە مەزكۇر شەھەردىكى 29 يېزا-بازارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئىمزا قويۇپ ھۆججەتنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى خوڭ X شەھەرلىك پارتكومغا بېرىپ ھۆججەتنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى جىددىي دەپ قارىغانلىقى، ھۆججەت ئالغان ۋاقتىمۇ يېرىم كېچە بولغانلىقتىن، شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر ھۆججەتنى رەسىمگە تارتىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۈندىدار توپىغا ئەۋەتكەن. بۇ توپتىكى ياڭ X كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال باشقا ئۈندىدار توپلىرىغا ئەۋەتكەن. ئارقىدىن، مەزكۇر ھۆججەت بىر قانچە ئۈندىدار توپلىرى ۋە مىكرو بلوگتا ئەۋەتىلىپ، مەخپىيەتلىك ئاشكارىلانغان.


    ئىككىنچى دېلو: خىزمەت دوكلات قىلىش جەريانىدا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش

    2017-يىلى 10-ئايدا، مەلۇم ئىدارىنىڭ ئىشخانا مۇئاۋىن مۇدىرى شياۋ X، سىرتتا خىزمەت تەكشۈرىۋاتقان مەسئۇل رەھبەرگە خىزمەت دوكلات قىلىش ئۈچۈن، مەخپىي ھۆججەتلەرنى ساقلىغۇچى جاۋ X نى تېپىپ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئۆز مەيلىچە بىر پارچە مەخپىي دەرىجىلىك ھۆججەتنىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۈندىداردا بىرگە بىر پاراڭلىشىش شەكلىدە سىرتتا خىزمەت تەكشۈرىۋاتقان مەسئۇل رەھبەرگە ئەۋەتكەن. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلار شياۋ X نىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ئىشخانا ئورنىدىن يۆتكىۋەتكەن. مەخپىي ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل جاۋ X قا مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن؛ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى بولغان لى X، چىن X ۋە شاۋ X بىلەن ئىبرەت سۆھبىتى ئېلىپ بارغان ھەمدە يازمىچە تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا بۇيرۇغان.


    ئۈچىنچى دېلو: رەھبەرلىك خىزمەت تاپشۇرۇش جەريانىدا مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كېتىش

    2017-يىلى 10-ئايدا، مەلۇم ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى مەخپىيەت ئىدارىسىدىن تۆت پارچە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان تېلېگراممىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسمېنىدا ئۆگىنىۋاتقان ليۇ X كە بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىش مەزگىلى بولۇپ، ئورۇنلار دەم ئېلىۋاتقانلىقتىن، ليۇ X بۇ تۆت پارچە ھۆججەتنىڭ تېمىسىنى رەسىمگە تارتىپ ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئۈندىدار توپىغا ئەۋەتكەن ھەمدە ئىدارە باشلىقى خې X تىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى سورىغان، خې X ئۈندىداردا تېلېگرامما مەزمۇنىنىڭ ئانچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ليۇ X نى ھۆججەت مەزمۇنىنى توپقا ئەۋەتىپ كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا بۇيرۇغان. ئارقىدىن ليۇ X ھۆججەتنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى سۈرەتكە تارتىپ توپقا يوللىغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئورۇنلار خې X كە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىپ، بۆلۈم ئەزاسى خىزمىتىگە چۈشۈرگەن؛ باشقا مەسئۇل خادىم خې X كە پارتىيە ئىچىدە ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن، ياڭ X كە مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن، ليۇ X نىڭ رەسمىيلىشىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بىر تەرەپ قىلغان.


    تۆتىنچى دېلو: خاتا بېسىپ خاتا ئەۋەتىپ، مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش

    2015-يىلى 3-ئايدا، مەلۇم رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارىمىقىدىكى گېزىتخانا باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى چېن X ئىستانسا باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ بىر پارچە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھۆججەت مەزمۇنىنى بېيجىڭدا «ئىككى يىغىن» خەۋىرىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان گېزىتخانا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر نيۇ X كە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، يانفوندا ھۆججەتنى رەسىمگە تارتىپ نيۇ X كە ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولغان. چېن X ئۈندىدارنى كومپيۇتېردا ئېچىپ رەسىم ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا، تۇيۇقسىزلا ئۈندىدار توپى كۆزنىكى ئېچىلىپ، سۈرەتلەرنى ئۈندىدار توپىغا خاتا ئەۋەتىپ قويغان، مەخپىيەتلىك بۇ ئۈندىدار توپىدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم چېن X خىزمەتتىن بوشىتىلغان، گېزىتخانا باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ X خىزمەتتىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەن. باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن X خىزمەتتىن توختىتىلىپ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا بۇيرۇلغان، گېزىتخانا باش مۇھەررىرى چىن X ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىد قىلىنغان، ئۈنۈم مائاشى تۇتۇپ قېلىنغان.


    دېلو تەھلىلى

    مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بۇ تۈردىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش دېلولىرىدا كۆپىنچە مەلۇم «ئوبيېكتىپ ئامىللار» مەۋجۇت: بېجىرمەكچى بولغان ھۆكۈمەت ئىشى جىددىي، باشقا ئالاقە ۋاسىتىلىرى راۋان ئەمەس، يۈزمۈ-يۈز تۇرۇپ خىزمەت تاپشۇرۇشقا ياكى دوكلات قىلىشقا بولمايدۇ، تېخنىكا خاتالىقى ھەتتاكى رەھبەرلىكنىڭ كۆرسەتمىسىنىمۇ ئۈندىدار ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە بۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە سەل قاراپ، مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش نەتىجىسىگە قارىتا تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولغانلىقىدىندۇر.


    مەخپىيەتلىك ساقلاش كۆرسەتمىسى

    ئۈندىداردا خىزمەت بېجىرىش سەۋەبىدىن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى»نىڭ 48-ماددا 7-تۈرىدىكى «ئىنتېرنېت تورى ۋە باشقا ئاممىۋى ئۇچۇر تورى ياكى مەخپىيەتلىك ساقلاش تەدبىرى قوللىنىلمىغان سىملىق ياكى سىمسىز ئالاقە ئارقىلىق دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزۈش» كە خىلاپ بولۇپ، قانۇنسىز قىلمىشقا تەۋە، قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    ئۈندىدار ئارقىلىق خىزمەت بېجىرىش بىر خىل تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇش سۈپىتىدە، ئەسلىدە ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، مەسىلە ئۈندىداردا ئەمەس، ئۈندىداردا خىزمەت بېجىرىش سەۋەبىدىن مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى يەنىلا ئورگان ئورۇنلارنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش جەھەتتە باشقۇرۇشنىڭ بوشلۇقى، كادىر-خىزمەتچىلەرگە مەخپىيەتلىك ساقلاش تەربىيەسى جەھەتتىكى تەربىيەلىشى يېتەرلىك بولماسلىقى، كادىر-خىزمەتچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش ئېڭىنىڭ سۇسلىقىدۇر.


    تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى

    ئورگان، ئورۇنلار مەخپىيەتلىك ساقلاش تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى قاتلاممۇ-قاتلام ھەر بىر ئادەمگە يەتكۈزۈش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆز ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇشى، دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، كادىر-خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىپ مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئەۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ تۈردىكى ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

    پىرىنسىپ جەھەتتە ئۈندىدار ئارقىلىق خىزمەت بېجىرىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، لېكىن خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن قۇرۇلغان خىزمەت توپلىرىدا، ئالاقە مەزمۇنى پەقەت ھەممە بىلىشكە بولىدىغان ئادەتتىكى ئۇچۇرلار بولۇشى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە خىزمەت مەخپىيەتلىكىنى تارقىتىش مەنئى قىلىنغان بولۇشى كېرەك.

    مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق خادىملارنىڭ ئۈندىداردا خىزمەت بېجىرىشىنى مەنئىي قىلىش كېرەك.

    مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى باشقۇرۇش بىلەن ئەقلىي يانفون ئىشلىتىپ مەخپىيەتلىك ساقلاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىشىش خەۋپىنى مەنبەدىن يوقىتىش كېرەك.


    بۇنىڭدىن سىرت، ئۈندىدار توپلىرىدا مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشكە بولماسلىقتىن سىرت، تەھرىر يەنە ھەر قايسى دۆلەت مەمۇرلىرىنى ئۈندىدار توپلىرىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگىمۇ ئوخشاشلا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىدۇ:

    ····

    1. ئۈندىدار توپىدا يالغان گەپ قىلماسلىق كېرەك؛

    2. ئۈندىدار توپلىرىدا، شەھۋانىيىلىق، قىمار، زەھەر، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئىغۋا، ئالدامچىلىققا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق كېرەك.

    3. ئۈندىدار توپلىرىدا قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق كېرەك؛

    4. ئۈندىداردىكى قىزىل بولاق تۈرىدىكى «ئۈندىدار چىرىكچىلىكى»دىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. 

    ····

    مەنبەسى :uycnr.com




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك