• پوروشېنكو: ئومۇميۈزلۈك جەڭ پارتلاش خەۋپى بار

  • يوللىغۇچى : ئەركىن
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-11-29 06:43
  • پوروشېنكو: ئومۇميۈزلۈك جەڭ پارتلاش خەۋپى بار


    پوروشېنكو تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا :« دۆلىتىمىزنىڭ رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان چېگراسىدىكى رۇسىيە تانكىلىرىنىڭ سانى ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. چېگرا رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەر سانىمۇ كۆپەيتىلدى. مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك جەڭ قىلىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن.
    ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كونكرېت سانىنى ئاشكارىلىمىغان، پەقەت دۆلىتىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىگەنلىكىنى ئېيتقان. كرېمېل سارىيى ھازىرچە جاۋاب قايتۇرمىغان.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرېس 27-چېسلا باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەتنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامنامىسى»گە ئاساسەن بارلىق تىنچلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە دەۋەت قىلغان.
    ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى پەرقنىڭ زور بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇكرائىنا ئىزچىل غەربنىڭ قوللىشىنى ئىزدىگەن. CNN نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پوروشېنكو بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۈندەپ :«ئۆزئارا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇكرائىنانى قوغدىشىمىز كېرەك.. بىز چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، 26-چېسلادىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى –ئۇكرائىنا ئالاھىدە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشىنىڭ «ھېچقانداق ئاساسىي يوق» ئىكەنلىكىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىز رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى چوڭايتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز رۇسىيەگە ئۆز قىلمىشى ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنى چوقۇم بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
    شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچقان. ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ھېررى يىغىندا «رۇسىيە يەنە بىر قېتىم قاراملىق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى» دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ قىلمىشى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا «ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلغانلىق» دېگەن، ھەمدە رۇسىيە تەرەپتىن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى تۇرغانلىقتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان كىچ بوغۇزى ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى رەت قىلغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 27-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ستوك رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ ئەسكەرلىرى ۋە كېمىسىنى قويۇپ بېرىپ، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىق»قا ئۈندىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئاۋسترىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىنېيسېلمۇ 27-چېسلا، كېلەر ئايدا رۇسىيەنى جازالاش تەدبىرىنى ئاشۇرۇش-ئاشۇرماسلىق ئۈستىدە قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئامېرىكا رادىيو ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ رۇسىيەنى ئەيىبلىمىگەن. ھەپتىنىڭ بىرى ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «مەيلى قانداق بولسۇن، بىز ھازىرقى ئىشلارنى ياقتۇرمايمىز، مەسىلىلەرنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەن ياۋروپانىڭ قورقمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ھەممىمىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىمىز.» خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يېرىچېنكو 26-چېسلا مۇخبىرغا، تىرامپنىڭ توقۇنۇش ۋەقەسى توغرىسىدا تىۋتتېردا ئۆزىنىڭ «سانلىق ئۇچۇر مەيدانى»نى ئىپادىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ترامپ ھازىرغىچە بۇ توغرىلىق تىۋتتېردا سۆز قىلمىغان.

    مەنبەسى :ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك