• شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-01 12:31
  • شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن شەھەرلەرنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالى (سۈرەت شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە تورىدىن ئېلىندى)

     بۇ بىر نەچچە كۈندە ھاۋا ياخشى بولدى، ئەمما، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، نۆلدىن تۆۋەن 15~20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.
        ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى غەربىي شىمال شامىلىغا ئۆزگىرىپ، قېلىن قار ياغىدىكەن. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدە ئازراق قار يېغىپ، قاردىن كېيىن تۆت كۈن ئەتراپىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدىكەن.
        مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىگىچە، قار، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بورانلىق ھاۋارايى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا داۋاملىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
        بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 10~12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا 12~15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 5~8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۈندۈزدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15~20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا كۈندۈزدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25~33 سېلسىيە گىرادۇسقا بولىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندىكى ھاۋارايى ئەھۋالى

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شاھرۇلخان بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئەلكۈيىدە تارقىتىلدى现场直播

    1970-01-01 08:00

  • ھەدىيە كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش نەتىجىسى ئەلكۈيىدە 现场直播

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا لياۋنىڭنى2 قېتىم مەغلۇب قىلدى

    1970-01-01 08:00

  • ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

    1970-01-01 08:00

  • بايرامدا شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇرى يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-توزان كۆرۈلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا 1027 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تاسمىسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • چىڭمىڭ بايرىمىدا ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار كۆپ

    1970-01-01 08:00