• تۇغلۇق تۇرسۇن مەملىكەتلىك ئىنگىلىزچە نۇتۇق مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولدى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 04:11
  • تۇغلۇق تۇرسۇن مەملىكەتلىك ئىنگىلىزچە نۇتۇق مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولدى

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى مەخسۇس خەۋىرى:2018-يىللىق «چەتئەل تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى. گوسەي لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئىنگلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى سەھنىسىدىكى چېمپىيون دوستلار چەمبىرىكىدە سانسىز قېتىم تارقىتىلغان. ئۇ باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنى نۇتۇقى ئارقىلىق قانداق بويسۇندۇرۇپ، چېمپىيون دېگەن نامغا ئېرىشكەن؟ بۈگۈن بىز بۇنى كۆرۈپ باقايلى!


    2018-يىللىق «چەتئەل تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى. گوسەي لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى چېمپىيونى
    چىڭخۇا داشۆسىدىن تۇغلۇق تۇرسۇن

    2018-يىللىق «چەتئەل تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى. گوسەي لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
    ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تېمىسى 

    نۇتۇقنىڭ تولۇق ۋىدىيوسى

    ماھىرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تەپەككۇرى 
    مېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇنيا: Chess Board (شاھمات تاختىسى)

    بۇ«What Is the World» (دۇنيا دېگەن نېمە؟) دېگەن تېمىنى ئالغىنىمدا، ئالدى بىلەن قايسى نۇقتىدىن چىقىپ ئېنىقلىما بېرىش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈم لازىم. چۈنكى، ماددىي دۇنيانىڭ ئېنىقلىما دائىرىسى تار ھەم مەلۇم كەسپىي بىلىم ۋە ئارقا كۆرۈنۈش بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مەن ئىنسانلار جەمئىيىتى نۇقتىسىدا چىقىپ ئېنىقلىما بەرمەكچى. بۇنداق بولغاندا بىر قەدەر تولۇق ھەم جانلىق بولىدۇ.
    مېنىڭچە، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دۇنيا بىر سەھنە، سەھنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى ئوينايدىغان رولى ۋە ئۆزىگە تەۋە ھېكايىسى بار. ئەگەر، بىز بۇ يەردە بىر ئاچقۇچلۇق سۆز يەنى، stage (سەھنە) دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقساق، بۇ ئېنىقلىما يېتەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولىدۇ ھەم ئاسانلىقچە باشقا ماھىرلارنىڭ مۇھىم تېمىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ئاخىرى، مېنىڭ تاللىشىم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا chess board قا ئوخشاپ قالدى. مەن ئىلگىرى شاھمات ئۆگىنىپ باققان، بۇ ئويۇن ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش قائىدىلىرى توغرىسىدا ئويلانغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدا بۇ خىل ئويلىنىشنىڭ خام ماتېرىيالى يېتەرلىك.
    بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ ياخشى تەرىپى ۋە رەزىل تەرىپى بار. شۇڭا ئاساسىي گەۋدىسىدە ئىككىسىنىڭ ھەجىمىنى ئوخشاش نىسبەتتە دەپ قاراپ كەلدىم. ئالدىنقى يېرىم قىسىمى بىزنىڭ دۇنيارىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئادىل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرسە، كېيىنكى يېرىم قىسىمى تاماشىبىنلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. يەنى بۇ ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيا بىزگە ئادالەتسىزلىكنى يېڭىشكە تولۇق ئىمكانىيەت ئاتا قىلغان.
    مېنىڭ قارىشىمچە، نۇتۇق جەريانىدا تاماشىبىلارنىڭ دىققىتىنى تولۇق تارتماقچى بولسام، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىلىشىدە يوچۇق ساقلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ئىككىنچىدىن، يېتەرلىك ئىشەنچىنى نامايان قىلىپ ئۇلارنى نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ بەلكىم بۇ يوچۇقنى تولۇقلاشقا ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشۈم كېرەك. نۇتۇق جەريانىدا مەن تاماشىبىنلارغا تونۇشلۇق بولغان ئەڭ مەشھۇر جۈملىلەردىن ياخشى پايدىلاندىم ھەمدە ئاتالمىش self-evident (ئىسپاتلاش كەتمەيدىغان) ھەقىقەتكە گۇمانىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۈنۈمىگە قارىغاندا، مەن سۆزلەۋاتقان ئاشۇ بىر بۆلەك ۋاقىتتا تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ جىمجىت ئولتۇرغىنىنى ھېس قىلدىم، دېمەك بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم.
    نۇتۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر جۈملىسىدە مەن بىر تەۋەككۈلچىلىكنى سىناپ باقتىم، يەنى بىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىزنى ئەنە شۇنداق بىر مەيدان شاھمات ئويۇنىغا ئوخشاتقاندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر جۈملە قوشتۇم يەنى «or, change the game» (ياكى ئويۇننى ئۆزگەرتىش) بۇ يەردە مەن ئىككىنچى قېتىم خۇلاسە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدىم، يەنى تۇرمۇشىمىزدا بىرنىڭ ئىزچىل ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ يېڭىپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز تىرىشىش ئارقىلىق ھەممىنى يېڭىپ چۈشىدىغان تۇرمۇش بەرپا قىلساق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا مەن ئىككى خۇلاسىلىك نۇتۇق مەزمۇنىنىڭ ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىجابىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايمەن. ئەگەر، ئىنچىكىلىك بىلەن باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىسام، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى غەلىبىلىك تاماملىغان بولىمەن.


    چېمپىيون تۇغلۇقنىڭ نۇتۇقى سىزگە قانچىلىق تەسىر قىلدى؟ ئۇنىڭ نۇتۇقىنىڭ زادى قەيىرى ئەڭ ياخشى؟ مول تەجرىبىگە ئىگە فۇدەن داشۆسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ يېتەكچىسى شى لىنا مۇئەللىم بۇ نۇتۇقنى ئىنتايىن ئېسىل ئانالىزى قىلغان.

    شى لىنا مۇئەللىمنىڭ باھاسى

    شى لىنا مۇئەللىم فۇدەن داشۆسى چەتئەل ئەدەبىيات شۆيۈەنى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 2018-يىللىق «چەتئەل تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى. گوسەي لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، 2017-يىللىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋە «ئەڭ ياخشى ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، 2016-يىللىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكۈچىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، 2015-، 2011-يىللىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكۈچىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. بۇنىڭدىن باشقا 2017-يىللىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تەييارلىق مۇسابىقىسىنى يازلىق لاگېرنىڭ يېتەكچىسى، مۇسابىقە تەييارلىق قىلىش دەرسلىكىنى ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى. 2002-يىلدىن باشلاپ تۈرلۈك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش، مۇنازىرە مۇسابىقىلەرگە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەن.

    تەمكىن قىياپەت ۋە ئەمەلىي كۈچنى نامايان قىلىش

    «دۇنيا بىر شاھمات تاختىسى، ھەممىمىز بىر شاھمات ئۇرۇقى، دۇنيانى ئادىل ئەمەس دېسەكمۇ، مەن بۇ ئادالەتسىزلىكتىن يەنىلا قورقمايمەن. ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، لېكىن مەن ئەزەلدىن كۈرەش قىلىدىغان ئىرادەمنى يوقىتىپ قويمىدىم. دۇنيادىكى ئادەملەر ئالىيجاناب ياكى پەس دەپ ئايرىلمايدۇ، ھاياتلىق ھايات بىلەن ماماتنىڭ، بەختسىزلىك بىلەن بەختنىڭ چېگراسىدا تۇرىدۇ. بۇ مەيدان قورشاۋ شاھمات كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ جەريانى ئىنتايىن قالتىس، نەتىجىسىنى مۆلچەرلەش قىيىن. دۇنيانىڭ گۈزەللىكى بۇ شاھماتتا سانسىز قېتىملىق مۇمكىنچىلىك بولغانلىقى ۋە يەككىلىكنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن قابىلىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا.
    دۇنيانى بىلىشنىڭ ماھىيىتى ھەرىكەتچان بولىدۇ، ئىنسانلارنى ھەققانىيەت ۋە ئادىللىققا يۈزلەندۈرىدۇ، پەقەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئۈمىد ئىزدىگەندە، مەغلۇبىيەتتىن كېيىن قايتا ئورنىدىن تۇرالىغاندا، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى، شانلىق ئىستىقبالغا يول ئاچقىلى بولىدۇ ! پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قەدىمكى زاماندىكى ماقالە يېزىشنىڭ مۇقىم شەكلى بولغان ئەركىن يېزىش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان، كىشىگە كۆتۈرەڭگۈ ھەم ھەيۋەتلىك تۇيۇلىدىغان بولۇپ، ئاڭلىماققا ئادەمنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ.
    كىم «سۈپەتلەش» ۋە «ئەمەلىي كۈچ»نى قوش كاپالەت بولالمايدۇ، «مۇنازىرە» بىلەن «ئويۇن»نى بىرلەشتۈرۈشنىڭ چارىسى يوق دەيدۇ؟ رىقابەتچىلەر ئالدىدا قاتتىق تۇرۇپ، قەدەممۇ-قەدەم قىستايدۇ، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش تەس بولىدۇ. چوڭقۇر مەنىگە، ئەتراپلىق قۇرۇلمىغا، راۋان تىلنى نامايان قىلىشقا تايىنىپ، سەھنىنى كونترول قىلىش ۋە نەق مەيداننى ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ شىنجاڭلىق يىگىت سىزگە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.

    مەنبەسى :مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك