• بۇ ئىدارىنىڭ رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، سەۋەبى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 07:09
  • بۇ ئىدارىنىڭ رەھبەرلىرى كوللېكتىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، سەۋەبى

    12-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۇاڭشى بېيخەي شەھەرلىك پارتكوم «خىزمەت ئىستىلىنى تۈزىتىپ، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، شەھەرلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى قاتارلىق كۆزنەك ئورۇنلارنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.


    سۈرەت \ بېيخەي گېزىتى

    تەۋەلىكتىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا ئاممىۋى قاراش سۇس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقتىن، بېيخەي شەھەرلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىدارىسى رەھبەرلىك بەنزىسى كوللىكتىپ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان.


    بۇندىن بۇرۇن، بېيخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شەھەرلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كۆزنەكتىكى خىزمەتچى خادىملاردا ئەمەلىي خىزمەت قىلماسلىق، ئاممىۋىي قاراش سۇس بولۇش ھەمدە ئايرىم كۆزنەكلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، قىسمەن ئىشلاردا كېرەكلىك ماتېرىياللار زىيادە بولۇشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقىغان.

    نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بوش بولۇپ، ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان
    خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتچىلەر ئۇخلىغان، يانفون ئوينىغان

    12-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنى شەھەرلىك مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىدارىسى قاتارلىق كۆزنەك ئورۇنلارغا بېرىپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن، بۇ قېتىملىق يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەر كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان:
    * بىر قىسىم خىزمەتچىلەر ئاممىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان، ئاممىنى ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغۇزۇپ قويغان، خىزمەت ۋاقتىدا يانفون ئوينىغان، ئۇخلىغان، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېگەن، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز تور بەتلىرىگە چىققان، نازارەت قىلىش تېلېكامېراسى ئېنىق ئەمەس، توغرا ئۇدۇللانمىغان قاتارلىقلار.
    * كىنىشكا بېجىرىش زالى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا ئىشىكىنى ئاچقان، بۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما ئىلاجىسىز سوغۇقتا ساقلاپ تۇرغان، خىزمەتچى خادىملار ئۇلارنى ئىچىگە كىرگۈزمىگەن.
    * جامائەت تۇرالغۇ فوندىنى بېجىرىشكە كەلگەن ئامما، بەزىدە تۆت قېتىم كېلىپ ئاندىن ئىشلىرىنى بېجىرىپ تۈگەتكەن.
    * كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسىدا قەغەز قالماي، بىرسىنى قەغەز قاچىلاپ قويۇشقا بۇيرىسىمۇ ھېچكىم تەۋرەپ قويمىغان.
    * بولۇپمۇ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ۋاقتىدا بىرسىنىڭ ئۈندىدار توپى ئارقىلىق تەكشۈرىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەنلىكى بايقالغان.
    1
    ئىگىلىنىشىچە، 13-چېسلادىن باشلاپ كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، بېيخەي شەھىرى پۈتۈن شەھەردە خىزمەت ئىستىلىنى تۈزىتىپ، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش پائالىيىتىنى مەركەزلۈشتۈرۈپ قانات يايدۇرىدىكەن. بېيخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاشكارا، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇندىن كېيىن مۇلازىمەت مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى بايقالسا، بىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز يول قويمايدۇ. 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن، بېيخەي شەھەرلىك مەمۇرىي تەستىقلاپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى خىزمەت ئورنىغا كېلىپ بولغان بولۇپ، مەسىلىلەر تۈزىتىلمەكتە ئىكەن.

    مەنبەسى :مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك