• كىرىستىئانو رونالدو داۋاملىق رېكورت يېڭىلىماقتا

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-16 07:08
  • كىرىستىئانو رونالدو داۋاملىق رېكورت يېڭىلىماقتا


    بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدا، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. تۇرىن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا قوشمىقى، كۈچلۈك رەقىبى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى تەرەپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى 0 دە 0 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس كوماندىسى نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نەتىجىدە، كىرىستىئانو رونالدو بۇ نۇقتا توپنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 5000-توپىنى كىرگۈزدى. 



    كىرىستىئانو رونالدو يەنە بۇ ئەسىردىكى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئالتە قارشى تەرەپ مەيدانىدا توپ كىرگۈزگەن تۇنجى يۇۋېنتۇس كوماندىسى ماھىرى بولۇپ قالدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن تۇرىن كوماندىسىنى يەڭدى.


    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك