• كورىيەلىك چولپاننى كۆرۈش ئۈچۈن 4جۇڭگولۇق ئايروپىلاندا قېلىقسىزلىق قىلدى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-19 11:46
  • كورىيەلىك چولپاننى كۆرۈش ئۈچۈن 4جۇڭگولۇق ئايروپىلاندا قېلىقسىزلىق قىلدى

    12-ئاينىڭ 15-كۈنى كورېيە تاراتقۇلىرى جۇڭگولۇق ھەۋەسكارلار چولپان قوغلىشىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى.
    ئىگىلىنىشىچە، تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ھەۋەسكار ياخشى كۆرىدىغان چولپىنى چىققان ئايروپىلاننىڭ ئالىي بۆلۈمچىسىنىڭ بېلىتىنى ئالغان، بىراق ئايروپىلانغا چىقىپ چولپاننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنلا ئايروپىلاندىن چۈشۈش ۋە بىلەتنى قايتۇرۇش سەۋەبى بىلەن جېدەل چىقارغان. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار دېگىنىنى قىلغان.....
    بىراق ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئايروپىلاندىكى باشقا 360 يولۇچىنىڭ قايتىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىگە ھەم ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ ئۇچۇشىغا سەۋەبچى بولغان....



    كورېيە تاراتقۇلىرىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت
    < كورېيە ۋاقىت گېزىتى> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى شەنبە، 360 يولۇچى ئولتۇرغان كورېيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى شياڭگاڭدىن كورېيەگە ئۇچۇش ئالدىدا، تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ھەۋەسكار تۇيۇقسىز ئايروپىلاندىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ، ئايروپىلاننىڭ كېچىكىشىگە سەۋەبچى بولغان.
    ئىگىلىنىشچە بۇ تۆتەيلەن كورېيەدىكى بىر چولپانلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىخلاسمەن ھەۋەسكارى بولۇپ، ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشىۋالغانىكەن. چولپانلار گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار ئالدىنقى ھەپتىدە شياڭگاڭدىكى ئاسىيا مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتناشقان بولۇپ، شۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سېئۇلغا قايتماقچىكەن. بۇ تۆت نەپەر ھەۋەسكار چولپاننى يېقىندىن كۆرۈش ئۈچۈن شۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئالىي بۆلۈمچىسىنىڭ ئىككى تال بېلىتىنى، ئوتتۇرھال بۆلۈمچىسىنىڭ بىر تال بېلىتىنى، ئادەتتىكى بۆلۈمچىسىنىڭ بىر تال بېلىتىنى سېتىۋالغانىكەن.
    خەۋەر قىلىنىشچە، چولپانلار ئايروپىلانغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن بۇ تۆتەيلەن ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئەسكەرتىشىگە پەرۋا قىلماي، چولپاننى ئورىۋېلىشقان. ئارقىدىنلا ئايروپىلان ئۇچۇشقا ئاز قالغاندا، تۇيۇقسىزلا ئايروپىلاندىن چۈشمەكچى بولغان ھەمدە بىلەتنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
    ئىگىلىنىشچە، ئاۋىياتسىيە قائىدىسى بويىچە، بىر يولۇچى بولسىمۇ، ئۇچۇشتىن ئاۋۋال ئايروپىلاندىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلسا، بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن، ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى چوقۇم قايتىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەككەن.  شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئايروپىلاندىكى 300 نەچچە نەپەر يولۇچى ئامالسىز قايتىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، شۇ سەۋەبلىك ئايروپىلان بىر سائەتتىن كۆپرەك كېچىككەن.
    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ تۆتەيلەننىڭ بېلىتى ئەسلى باھاسى بويىچە قايتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ ئۈچىسى ئىچكىرى ئۆلكىلىك، بىرسى شياڭگاڭلىق بولۇپ، ھەممىسىلا 20 نەچچە ياش ئىكەن.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك