• بۇ كارتىنى مۇنداق ئىشقا ئىشلەتسىڭىز تۈرمىگە كىرىسىز!

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-20 10:49
  • بۇ كارتىنى مۇنداق ئىشقا ئىشلەتسىڭىز تۈرمىگە كىرىسىز!

    داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى پۇقرالارنىڭ «جاننى قۇتقۇزىدىغان پۇلى»، بىراق قىسمەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ پايدا ئېلىشتەك نەيرەڭلەرنى ئويلاپ چىققان. 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونىلىق سوت مەھكىمىسى باشقىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، 440 مىڭ يۈەنلىك دورا ئېلىپ، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغانلارغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقاردى. 



     جاۋابكار سۇڭ لىرۇ ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغاچقا، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. 

     جاۋابكار جياڭ جىيوۋ ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغاچقا، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. 

    ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىنى نەچچە ئون قېتىم ئاچقۇزۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن 440 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان 

    ئىككى جاۋابكار ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىدە بولۇپ، جياڭ جىيوۋ ئىلگىرى بېيجىڭدىكى بىر كۆمۈر كاندا خىزمەت قىلغان، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى ئالغان. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تىپىدىكى دورىلار %100 ئاتچوت قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى جاۋابكار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق دورا ئاچقۇزۇپ، ھايىنىغا سېتىپ، پايدا ئېلىشتەك نەيرەڭنى ئويلاپ چىققان. جياڭ جىيوۋ تېخىمۇ كۆپ دورا ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى بار خىزمەتداشلىرىدىن يەنە بىر نەچچىنى تاپقان. 
    ئەيىبلىگۈچى: خۇ شياۋلياڭ 
    2017-يىلى 10-ئايلاردا، جاۋابكار سۇڭ لىرۇ، جياڭ جىيوۋ كىنىشكا ئارىيەت ئېلىپ دورا ئاچقۇزۇش ھەمدە ئايدا 1500 يۈەن ئىشلىتىش ھەققى بېرىشنى باھانە قىلىپ، جاۋابكار سۈن دېرۈي، شۈ خۇڭگۈي، چېن شياۋدۇڭ، خۇاڭ جۇڭخۇادىن ئىبارەت تۆتەيلەننىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئارىيەت ئالغان. 

    ئاساسلىق جىنايەتچى ئەر-خوتۇنلار ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىدىن تۆت يۈرۈشكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ھەققى %100 تولۇق سوممىدا ئاتچوت قىلىنىدىغان بولغاچقا، كارتا ئىگىسىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، بېيجىڭدىكى كۆپ قىسىم دوختۇرخانىلاردىن خالىغانچە دورا ئاچقۇزۇپ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 
    باش سوتچى: جياڭ نەن 
    بۇ دوختۇرخانىدا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم دورا ئاچقۇزۇشقا ، ھەر قېتىدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق دورا ئاچقۇزۇشقا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بۇ تۆت يۈرۈش كىنىشكا بىلەن دورا ئاچقۇزغان، ھەر قېتىم ئاچقۇزغان دورىنىڭ باھاسى 16 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 
    يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىككى جاۋابكار نەچچە ئون قېتىم دېلو سادىر قىلىپ، جەمئىي 446 مىڭ يۈەنلىك دورا ئاچقۇزغان، ئاندىن بۇ دورىلارنى ئەسلى باھاسىنىڭ 1/4 دىن 1/3 گىچە بولغان باھادا سېتىپ، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن. 


    ئىككى جاۋابكارغا ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئارىيەت بەرگەنلەر ئورتاق جىنايەتچى ھېسابلاندى

    خەيدىيەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار سۇڭ لىرۇ، جاۋابكار جياڭ جىيوۋ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقستىدە زور سوممىلىق جامائەت مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئىككەيلەنگە ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى ھەمدە ئۇلار ئالداپ ئېلىۋالغان 446 مىڭ يۈەن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى. 
    ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى جاۋابكارلارغا بېرىپ تۇرغان تۆتەيلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەر، شۇنداقلا قانۇنسىز ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى قايتۇرغان بولغاچقا، ئۇلارغا ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈلدى، 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. 


    سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قارا كەسىپ زەنجىرىگە ئايلىنىپ قالدى، دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا يوچۇق كۆرۈلدى 

    باش سوتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدامچىلىق قىلىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە دورا ئاچقۇزۇش، سېتىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل قارا مەنپەئەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن، جاۋابكارنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئاساسلىقى دورىلارنى يىغىۋالغۇچىلار ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشكەن، دورىلارنى يىغىۋېلىشنىڭ ئىككى يولى بار ئىكەن: بىرى، دوختۇرخانىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى دورىلارنى يىغۋالىدىغان دورا ھايانكەشلىرى، يەنە بىرى، يىغىش-تارقىتىش مەركىزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر جاي بولۇپ، بۇ جاي مەلۇم ئاممىۋى قاتناش بېكىتى ئەتراپىدا ئىكەن، ئۇ يەردە دورىلارنى يىغىپ سېتىشقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرلار ۋە يىغىپ ساتىدىغانلار بار ئىكەن. 

    ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى بىلەن بىرگە، بۇ دېلو ئارقىلىق يەنە دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا قىسمەن يوچۇقلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان. سوتتا جاۋابكار سۇڭ لىرۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قىسمەن دوختۇرخانىلار ئالاقىدار كىشىنىڭ كىملىكىنى پەقەتلا تەكشۈرمەيدىكەن، جىنس ئايرىمىسى بىلەن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش كىنىشكىسى ئۇدۇل كەلمىسىمۇ كارى بولمايدىكەن. 
    باش سوتچى : جياڭ نەن
    ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلغاندىكى پۇلنىڭ سوممىسى، ۋاقىتى، قېتىم سانى جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ ھېچ بولمىغاندا نەچچە ئون قېتىم ئوڭۇشلۇق جىنايەت سادىر قىلغان. دېمەك بۇ دوختۇرخانىنىڭ كىنىشكىلارنى تەكشۈرۈشى جەھەتتە يوچۇق بار، دېگەن گەپ. 

    مەنبەسى :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك