• 2018-يىللىق دۇنياۋى دوكلات: راكنىڭ ئون چوڭ ئامىلى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-20 10:30
  • 2018-يىللىق دۇنياۋى دوكلات: راكنىڭ ئون چوڭ ئامىلى

    يېقىندا، ئامېرىكا راك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى بىر پەسىللىك ژۇرنالدا «2018-يىللىق دۇنياۋى راك كېسىلى ئىستاتىستىكىسى» دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتتا 185 دۆلەتتىكى 36 خىل راك كېسىلى قوزغىلىش نىسبىتى ۋە جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى جەھەتتىن باھالانغان.

    بۇ دوكلاتتىكى مۇنداق بىر نەچچە سانلىق مەلۇمات دىققەتنى قوزغايدۇ:
    1. 2018-يىلى، دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 18 مىليون 100 مىڭ راك بىمارى يېڭىدىن بايقالغان، 9 مىليون 600 مىڭ راك بىمارى ئۆلۈپ كەتكەن.
    2. يېڭىدىن بايقالغان 18 مىليون 100 مىڭ راك بىمارى ئىچىدە، ئاسىيالىقلار يېرىمغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن، ئۆلۈپ كەتكەن 9 مىليون 600 مىڭ راك بىمارى ئىچىدە، ئاسىيالىقلار %70نى ئىگىلىگەن.
    3. ئۆپكە راكى يەنىلا قوزغىلىش نىسبىتى (%11.6) ۋە جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى (%18.4) جەھەتتە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولغان. قوزغىلىش نىسبىتى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئاياللار سۈت بېزى راكى (%11.6)، ئەرلەر مەزى بېزى راكى (%7.1)، چوڭ ئۈچەي راكى (%6.1) بولغان؛ جانغا زامىن بولۇش نىسبىتى جەھەتتە ئىككىنچى تۇرغىنى تۈگۈن چوڭ ئۈچەي راكى (%9.2)، ئاشقازان راكى (%8.2)، جىگەر راكى (%8.2) بولغان.

    4. راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرىبولغان!
    بۇنىڭدىن سىرت، يېڭىدىن بايقالغان 18 مىليون 100 مىڭ راك بىمارىدىن، 9 مىليون 500 مىڭى ئەرلەر بولۇپ چىققان. ئاسىيالىق ئەرلەر يېڭىدىن بايقالغان بىمار سانى ئىچىدە يېرىمغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن؛ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىچىدە %60نى ئىگىلىگەن. 8 مىليون 600 مىڭى ئاياللار بولۇپ چىققان، ئاسىيالىق ئاياللار يېڭىدىن بايقالغان بىمار سانى ئىچىدە %47نى ئىگىلىگەن، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىچىدە يېرىمدىن سەل كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
    5. جۇڭگولۇقلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئۇرۇندا تۇرغان!
    يېڭىدىن بايقالغان 18 مىليون راك بىمارى ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن 9 مىليون 600 مىڭ بىمار ئىچىدە، ئېلىمىزدە يېڭىدىن بايقالغان بىمار سانى 3 مىليون 804 مىڭغا يەتكەن، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 2 مىليون 296 مىڭغا يەتكەن. باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.
    بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنە شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى:
    دۇنيا بويىچە يېڭىدىن بايقالغان ھەر 100 راك بىمارى ئىچىدە، جۇڭگولۇقلار 21 گە يەتكەن. باشقىچە ئېيتقاندا، ئېلىمىزدە ھەر كۈنى 10 مىڭ ئادەمگە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق دېئاگنۇزى قويۇلىدىكەن، ئوتتۇرىچە ھەر بىر مىنۇتتا 7 ئادەمنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئايدىڭلىشىدىكەن. ئوتتۇرىچە ھەر بىر كۈندە 6000دىن كۆپرەك ئادەم راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ھەر بىر مىنۇتتا 5چە ئادەم راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

    دۇنيانىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزدە ئۆپكە راكى ئوخشاشلا قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يوقىرى كېسەل. ئەمما، دۇنيانىڭكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېلىمىزدە چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى قاتارلىق ھەزىم يولى سىستېمىسىدىكى راك كېسەللىكىرى يەنىلا خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىل، توققۇزىدىن ساقلىنالايسىز!
    بەزىلەر ھەمىشە زادى نېمە ئۈچۈن راك كېسىلى قوزغىلىدۇ؟ زادى نېمە سەۋەبتىن راك كېسلى قوزغىلىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشىدۇ.
    شۇنى ئېتىراپ قىلىش شەرتكى، راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى كۆپ خىل ئامىلنىڭ ھەر تەرەپلىمە رولىنىڭ ئاقىۋىتى. راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار چوڭ جەھەتتىن ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك. بىرسى تاشقى ئامىل، يەنى تاشقى مۇھىت ئامىلى. يەنە بىرسى ئىچكى ئامىل، يەنى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئامىللار. بۇلارنى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان «ئون چوڭ ئامىل»غا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەمما، سىز بۇ ئون ئامىلنىڭ توققۇزىدىن ساقلىنالايسىز.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ بىرىنچىسى: مۇھىت بۇلغىنىش

    ھاۋا بۇلغىنىش، سۇ بۇلغىنىش، تۇپراق بۇلغىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ راك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ ئىككىنچىسى: تاماكا چېكىش ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش

    تاماكا چېكىش توغرىسىدا: تاماكا ئىسى كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ (جۈملىدىن ئۆپكە راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، بۇغۇز راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى قاتارلىقلارنىڭ) قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان ئورتاق تونۇش. ھاراقكەشلىكمۇ ئوخشاشلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى ھەزىم يولىدا راك پەيدا بولۇشقا بەكرەك مۇناسىۋەتلىك. ھاراقكەشلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھاراقكەشلىك قىلمايدىغانلارنىڭكىدىن يوقىرى بولىدۇ. ھەم تاماكا چېكىپ، ھەم ھاراق ئىچىش خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق بولىدۇ، يەنى خەۋپ ھەسسىلەپ ئېشىپلا قالماي، يەنە بۇ بىرنىڭ بىرگە قوشۇلمىسى ئىككىدىن چوڭ بولغاندەك بىر ئىش.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ ئۈچىنچىسى: رادىياتسىيە

    ئاتالمىش رادىياتسىيە دېگىنىمىز ئاساسلىقى ئىئونلىشىش رادىياتسىيەسى ۋە ئولتىرا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممىسى فىزىكىلىق راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا x نۇرى، گامما نۇرى قاتارلىق ئېلېكتىر ماگىنىت رادىياتسىيەسى ۋە پروتون، a زەررىچە، ئېغىر زەررىچە قاتارلىق رادىياكئاكتىپلىق زەررىچىلەردىن ھاسىل بولغان رادىياتسىيە، شۇنىڭدەك قۇياش نۇرىنىڭ ئولتىرا بىنەپشە نۇرى رادىياتسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى، شۇنىڭدەك تىببى ساھە ۋە تۇرمۇشتىكى كېلىش مەنبەسى ھەرخىل ئىئونلۇق رادىياتسىيەگە ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشتىن راك كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ تۆتىنچىسى: كېسەل ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش

    بەزى مىكروب ۋە ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىش راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، B تىپلىق ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش بىرلەمچى مەنبەلىك جىگەر راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۈگمىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى بالياتقۇ بوينى راكى، مەقەت راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، EB ۋىرۇسى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكى ۋە بەزى لىمفا ئۆسمىسى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى بولسا ئاشقازان راكى ۋە ئاشقازان لىمفا ئۆسمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ بەشىنچىسى: ھەرىكەت كەمچىلىكى

    ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئاز ھەرىكەت قىلىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە ئورتاق كېسەل. ئۇزاق ئولتۇرۇشقا يىمەك-ئىچمەك ئەركىلىكى قوشۇلسا، بەدەندە ئارتۇق ماي كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ-دە، ئېغىرلىق ئارتىپ كېتىش ۋە سىمىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. سىمىزلىكتىن سۈت بېزى راكى، بالياتقۇ راكى، تۇخۇمدان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلار پەيدا بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ ئالتىنچىسى: يىمەك-ئىچمەكنىڭ لايىقىدا بولماسلىقى

    ئاساسلىقى ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، مىۋە-چىۋە، كۆكتاتنى ئاز يىيىش، گۈش تۈرىدىكى، بولۇپمۇ پىششىقلانغان گۈش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش؛ يا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ياكى ئۇزۇقلۇق ئارتىپ كېتىش. يەنە بىرى، نامۇۋاپىق يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، مەسىلەن، ھەددىدىن زىيادە، قانۇنىيەتسىز يەپ-ئىچىش، تۇزلاپ، ئىسلاپ، قورۇپ پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش قاتارلىقلار.
    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ يەتتىنچىسى: تۇرمۇش ئۇسۇلى

    نۇرغۇنلىغان راك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى ناچار تۇرمۇش ئادىتى بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشلىققا ئىگە. ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان تاماكا چېكىش، ھاراقكەشلىك، ھەرىكەت كەمچىلىكى ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇش، ناچار يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، سىمىزلىك ياكى ئېغىرلىق ئارتىپ كېتىش قاتارلىقلاردىن سىرت، يەنە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇۋېتىشمۇ بار.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ سەككىزىنچىسى: پىسخىك ئامىل

    راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن پىسخىك ئامىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما، روھىي سۇنۇقلۇق سەۋەبىدىن ئۇزاق مۇددەت ناچار روھىي كەيپىياتتا يۈرۈش دەرۋەقە سالامەتلىككە بىر قاتار تەسىرلەرنى يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا ئىشتىھا تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭدىن تەننىڭ ئىممونىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، بۇ ۋاسىتىلىك ھالدا راك كېسىلى خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ توققۇزىنچىسى: قالايمىقان دورا ئىشلىتىش

    دورا ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. ئۇ مەڭگۈ ئىككى ياقلىمىققا ئىگە. يەنى داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن بىرگە جەزمەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ، يەككە تەسىرلىك دورا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. خىمىيەلىك دورىلار ئەسلىدىنلا خىمىيەلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بولۇپ، بەزى دورىلارنى لايىقىدا ئىشلەتمىگەندە ياكى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، ئويلىمىغان يەردىن بۇ دورا راك پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت زور مىقداردا ئىشلىتىشتىن شۇنداق بولىدۇ.
    راك پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىلنىڭ ئونىنچىسى: ئىرسىيەت ئامىلى

    بەزى راك كېسەللىرىدە ھەقىقەتەن ئىرسىيەت يۈنىلىشى مەۋجۇت. مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىقلار. ئەمما، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش شەرتكى، راك كېسىلى بىۋاسىتە مىراس قالمايدۇ. پەقەت ئىرسىيەتتە راك كېسىلى ئاسان قوزغىلىشچانلىق قالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتالمىش «تەقدىر ئامىلى» دېگەن گەپلەرمۇ پەيدا بولدى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش زۆرۈركى، راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن بەزى ئەھۋاللاردا دەرۋەقە «تەلەيسىزلىك» ئەكس ئېتىدۇ، ئەمما مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا زېھنىمىزنى تىزگىنلىگىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان راك ئامىللىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك قارىتىشىمىز كېرەك.
    ئاخىرقى سۆز، راك كېسىلى كۆپ خىل ئامىلنىڭ ھەر تەرەپلىمە رولىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇ بارلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا ئورتاق تونۇش. يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ئون چوڭ ئامىل ئىچىدە، سىز توققۇزىدىن ساقلىنالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز خېلىلا ئازلايدۇ!
    ئون ئامىلنىڭ بىرىدىن ساقلىنالىسىڭىز سىز ئۇچرايدىغان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر نىسبەت ئازايدى دېگەن سۆز.
    ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇڭ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00