• شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاساسى قاتلامدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-12-21 03:48
  • شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاساسى قاتلامدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى


    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاساسى قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇمىز.

    خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى داۋلى رايونى جىڭۋېي كوچىسى 7-مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە ئاھالىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كۆردى، مەھەللە مۇدىرى شې يەن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ھەققىدىكى بىر قاتار سانلار تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ كارتىنىسى.

    شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى فۇشەن كەنتىدىكى بارلىق پارتىيەلىك ئامما تۇشمۇ-تۇشتىن رادىيو، تېلېۋىزور، تورئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆردى، ئاڭلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى فۇشەن كەنتىنىڭ كوللېكتىپ يىللىق كىرىمى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگىمۇ بارمايتتى، بۇ يىل فۇشەن كەنتى كارخانا گۇرۇھى ئىشقا ئاشۇرغان ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى16 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن، ئۇدا نەچچە يىل جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا بولدى. فۇشەن كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى پېڭ روڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ «تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن كۆرسەتمىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش كېرەك.

    ئەنخۇي ئۆلكىسى خاۋجۇ شەھىرى چياۋچېڭ رايونى يەنجى بازىرى خۇاڭيىڭ كەنتى ئىلگىرى تىپىك نامرات كەنت ئىدى، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىلگىرىكى 237دىن ئازىيىپ ھازىر 14گە چۈشتى، بۇ بىرقانچە كۈندە خۇاڭيىڭ كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ گاڭ كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش ۋە مۇھىت تۈزەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن؛ مېنىڭ غەيرىتىم ئاشتى دېدى. 

    خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى بەيبۇتىڭ مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى ماۋ يوڭخوڭ بۇ قېتىم ئسىلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى روھىنى مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن تەڭ ئۆگەندى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەيبۇتىڭ مەھەللىمىز نۇرغۇن يىل جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە ھەرىكىتى مۇلازىمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى، كېيىنكى قەدەمدە بەيبۇتىڭ مەھەللىسىنى تەرتىپكە سېلىش تەجرىبىلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلىدۇ.

    شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونىدا نەچچە يۈز كادىر ۋە ئىشچى خىزمەتچى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى تېلېۋىزوردىن كوللېكتىپ كۆرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى، شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونى ئىسلاھات ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ، ئىسلاھات داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن يىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق چاڭئەن ناملىق خەلقئارا يۈك پويىزنىڭ ئىلمىلىشىشى، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك