• كىلاسسىك ئەسەر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» زىمىستان قىشتا كۆڭۈللەرنى ئىللىتتى

  • يوللىغۇچى : ئادىلجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-07 07:42
  • كىلاسسىك ئەسەر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» زىمىستان قىشتا كۆڭۈللەرنى ئىللىتتى

    كىلاسسىك ئەسەر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» زىمىستان قىشتا كۆڭۈللەرنى ئىللىتتى       
         مۇيەسسەر ئاباھامىت              
       بۇ يىل قىشتا سوغۇق شىمالىي شىنجاڭدا خېلىلا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى، سىرتتا قار ئۇچقۇنداپ، ئاچچىق سوغۇق نەشتەردەك يۈزلىرىمىزگە سانجىلىۋاتقان بولسىمۇ، يېڭى يىل ۋە 1-ئاينىڭ 4-،5-،6-كۈنلىرى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ باشقىچە ئىللىپ كەتكەن ئىدى، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»... قاتارلىق چوڭدىن كىچىككىچە سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇڭ سادالار  تىياتىرخانىدىكى ھەممە كىشىنىڭ خىيالىنى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىن چېگرا رايون تاشقورغاندىكى ئېگىز تاغلىق تۆپىلىكلەرگە، شىۋىرغانلىقتىكى تاجىك خەلقى ۋە جان تىكىپ چېگرانى قوغداۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
       تۇنجى قېتىم قويۇلغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نىڭ ئىشلەنگەنلىكىگە 56 يىل بولدى، لېكىن راست-يالغان گۈلەندەم ۋە جەڭچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايسى بايان قىلىنغان بۇ قىزىل كىلاسسىك ئەسەر شىنجاڭ خەلقىنىڭلا ئەمەس، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ فىلىم ھېلىھەم ھەممىنىڭ يادىدا. 2003-يىلى بۇ كىلاسسىك ئەسەر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئوپېرا قىلىنىپ، «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»غا، «بەي يۈلەن مۇكاپاتى»غا، «تىيانشان ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپات»غا ئېرىشكەن. 2016-يىلى دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ مەخسۇس مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى بۇ ئوپېرانى قايتىدىن سەھنىلەشتۈرۈپ مۇزىكىلىق تىياتىر قىلىپ ئىشلەپ، زامانىۋى، يېڭىچە قىياپەتتە مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر 2017- يىلى 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىدا يېڭىچە قىياپەتتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر_ مەملىكەت بويىچە دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىغا تاللانغان نادىر ئەسەر بولۇپ تاللاندى، شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە قىزىل ئەسەرلەرنى خەلققە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە،شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نى يەنە قايتىدىن رەپىتىس قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭدا قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۈيتۈن، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا 15 مەيدان قويۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە باشتىن – ئاخىر ئون مەيدان قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ سۆيۈپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «قوشماق تۇغقان»لارنىڭ ياخشى تاللىشى بولدى. ھەر مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن تۇغقانلار بىرلىكتە بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نۇرغۇن قان كېچىپ ھاياتى بەدىلىگە ھازىرقى بەختىيار زاماننى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، مىللەتلەر چوقۇم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەشنىڭ ئىنتايىن  مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىشتى. نۇرغۇن مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ كىلاسسىك ئەسەردىن تېخىمۇ ئىلھام ئالدى.
        بەش پەردە، توققۇز كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق تىياتىر «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە چېگرا رايوننى قوغداۋاتقان خەلق ئازادلىق ئارمىيە ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ شۇ جايدىكى تاجىك خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كونا جەمئىيەتتىن قالغان ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يوقاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئارمىيە-خەلق ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن نادىر ئەسەرنىڭ يېڭىچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىلدى. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىرغا قاتناشقان ياشلارنىڭ تىياتىردىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كۆپ قېتىم ئازادلىق ئۇرۇشى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى، تىياتىردا رول ئالغان ياشلار بۇ فىلىمدە رول ئىلىش ئارقىلىق ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. 
      بۇ قېتىمقى مۇزىكىلىق تىياتىرغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئىشلىنىپ ئېلىمىزدە زور تەسىر قوزغىغان، ئاتا-بوۋىلىرى پات-پات سۆزلەپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدىغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»دا رول ئالالىغانلىقىدىن ئۆزلىرىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىشتى، ئۇلار رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى ئازادلىق ئارمىيەگە ئائىت كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇپ، ئازادلىق ئارمىيە، ئوفېتسىر- ئەسكەرلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئىگىلىدى، ياخشى ئورۇنلاپ ياشلارنى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. 
     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ رېژسسورى دىلخۇمار ھامۇتجان مۇنداق دېدى: بىز 3-قېتىم مۇزىكىلىق تىياتىرغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ يېڭىچە شەكىلدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق. «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى 1963-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ نەچچە ئەۋلاد كۆرۈرمەنلىرى بار. چوڭلار كۆرسىمۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ تۇرۇپ خۇشال كۆرەلىدى، ياشلار كۆرسىمۇ ناخشىلىرى تونۇشلۇق بولغاچقا ناھايىتى يېقىن ھالەتتە كۆرۈپ، ھاياجان بىلەن كۆرەلىدى. بىز شىمالىي شىنجاڭدىن قايتىپ كېلىپ ئەسلىي ئۈرۈمچىدە ئۈچ مەيدانلا قويۇشنى پىلانلىغان، لېكىن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن يەتتە مەيدان بېلەت سېتىپ قويغان بولساقمۇ، ھەر قېتىمقى ئويۇندا زال ئىچى لىق توشتى. يەنە نۇرغۇن كۆرەلمىگەن تاماشىبىنلار بىزگە تېلېفون ئۇرۇپ يەنە قاچان قويۇلىدىغانلىقىنى سوراۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ يەنىلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىلاسسىك قىزىل ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرلىقىنى ھېس قىلدۇق.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك