• ئاپتونوم رايونىمىز 28 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-28 01:47
  • ئاپتونوم رايونىمىز 28 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى

     مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 28 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

      «پىكىر»دە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، يېقىن، پاك، يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىنىپ، قوللاپ ۋە ياردەم بېرىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات يۈكىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى ئۇرغۇتۇلۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى، ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، «13- بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز، مۇقىم ئېشىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىندى.

      «پىكىر»دە، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش؛ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش ئەھۋالىنى كۈچەپ پەسەيتىش؛ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ باراۋەر قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش؛ تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى بولغان 28 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى.

      ئىگىلىنىشىچە، «پىكىر» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى بۇنىڭدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا ئىشلىرى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە باشلامچىلىق قىلغان، ئەدلىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشكەن ئايلىق بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەر ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش تارماقلار بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئايدا بىر قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

      «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ «پىكىر» پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئوخشاشلا تەتبىقلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار خىزمەتتە بىللە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك