• شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى يېڭى نەتىجە قازىنىشقا يېتەكلىدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-28 01:49
  • شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى يېڭى نەتىجە قازىنىشقا يېتەكلىدى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئېلىمىز تاراتقۇلىرى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كەڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەنىڭ ئاخبارات شۆيۈەنى، فاكۇلتېتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ئەستايىدىل پىكىر قىلىپ، قىزغىن مۇزاكىرىلەشتى. ئۇلار ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرىدە يېڭى بۇرچنى پائال ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە جامائەت پىكرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز دېدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى دەرسخانىنى تاراتقۇ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ 1-سېپىگە تەسىس قىلىش، مۇخبىر، تەھرىرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىش، كۆچمە خەۋەر قوماندانلىق سۇپىسى ئارقىلىق مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى خەلق گېزىتى ئىدارىسى يېڭى تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىڭ ۋېينى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. دىڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئاۋازىنىڭ تۈرلۈك ئىشلەتكۈچىلەر تېرمىنالىغا بىۋاسىتە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئاخبارات جامائەت پىكرى مەيدانىنى ئىگىلەش-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە قويغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئۈمىدى. بىز تارقىتىش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خاسلاشتۇرۇپ ئىشلەش، كۆرۈنۈشچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، ھەمتۈرتكىلىك تارقىتىش ئارقىلىق، قىسقا مۇددەت قىزىپ كەتكەن تېخىمۇ كۆپ يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە سۈنئىي ئاقىلنى ئاخبارات يىغىش، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، قوبۇل قىلىش، قايتما ئىنكاس قىلىش جەريانىدا قوللىنىش ئۈستىدە تېزدىن ئىزدىنىپ، ئاساسىي قىممەت باشقۇرىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىش ئەندىزىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ دەللىكى، خاسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېگەن مۇھىم سۆزى تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىنى يېڭى كۈرەش نىشانىغا ئىگە قىلدى.

    گۇاڭدۇڭ رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چۇدىيەن خەۋەرلىرىنىڭ باش مۇھەرىرى جېڭ مىنشۈەن مۇنداق دېدى: بۇرۇن بىز پەقەت خەۋەرنى تارقىتىشنىلا بىلىپ، كىمنىڭ خەۋەرنى ئاڭلايدىغانلىقى، ئىنكاسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئەمدىلىكتە بولسا بۈيۈك مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ كىمنىڭ ئاڭلارمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيدىغان بولدۇق، تارقىتىش تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك بولدى. بىز بۈيۈك مەلۇماتنىڭ ئاساسىي قىممىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئىمارەت-بىنالارغا كېڭەيتىش، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ئەندىزىسى، تارقىتىش ئۇسۇلىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ پىلانلاپ، ئەھۋالغا قاراپ تۇتۇش قىلىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

    لەنجۇ داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ليۇ شياۋچېڭ مۇنداق دېدى: كىم ئومۇملۇققا ئۇيغۇنلىشىپ ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرىگە يېتەكچىلىك قىلسا، شۇ ئىستراتېگىيەدىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىيەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، لەنجۇ داشۆسى «توردا خەۋەر تارقىتىش» ۋە «سىفىرلىق تاراتقۇ تېخنىكىسى» كەسپىنى تەسىس قىلىپ، يۇغۇرۇلما تاراتقۇ تېخنىكا مائارىپىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىرلار، ئومۇمىي تاراتقۇ دەۋرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاخبارات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى.

    جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى جاڭ چۈنيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەك ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنى سۈپىتىدە، بىز خەلقئارا جامائەت پىكرى ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، بىۋاسىتە تارقىتىش ۋە قىسقا ۋىدىيو تەرەققىياتىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چەتئەللەرگە قىسقا ۋىدىيو سۇپىلىرىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان رايونلار ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئابونتلارغا پەرقلىق تارقىتىش، دەل تارقىتىشنى يولغا قويۇپ، چەتئەل ئاڭلارمەنلىرى ۋە كۆرۈرمەنلىرى چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، جۇڭگودىكى ئاساسىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تارقىتىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك