• بۇ يىل ئەلگە نەپ يەتكۈزۈدىغان قانداق يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويىلىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-01-30 01:23
  • بۇ يىل ئەلگە نەپ يەتكۈزۈدىغان قانداق يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويىلىدۇ؟

    2019-يىلى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، شەخسى تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدىن ئەلگە تېخىمۇ كۆپ پايدا كېلىدۇ، پەرزەنتلىك بولۇش، دورا ئىشلىتىش، پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. 

    ئۆتكەن يىلى خېبېي ئۆلكىسى ساڭجۇ شەھىرى دوڭگۇاڭ ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىندى، بۇ ناھيەنىڭ سەيۋاڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چىڭبىڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، نۇرغۇن ئىشلارنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدىغان سۈيىنى نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىكى جايدىن توشۇيتتى، ھازىر كەنتلەرگە تاشيوللار سېلىندى، ھەممە ئائىلىلەرگە تور ئۇلاندى. 

    2019-يىلى جۇڭگو يېزىلىرىدا قۇتۇلدۇرۇشقا تېگىشلىك يەنە 10مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس بار، يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست ۋە 199 ئېغىر نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. نامراتلىقتىن ھەقىقى قۇتقۇزۇشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانزىمى بەرپا قىلىش قاتالرىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېىلپ، نامرات رايونلارنىڭ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ. 

    ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە نىسبەتەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما. بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى لى يۈشيا ھەدە مۇنداق دېدى: يېڭى يىلدا ئائىلىمىزدىكىلەر جەم بولغاندا، ئوغلۇم يېڭى تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا مەخسۇس تۈرنى قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ سىياسەتتە ئۆي قەرز پۇلى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ ھەققى ئويلىشىلىپتۇ، بۇلارنى قوشۇپ كەلسەك بېسىمىمىز خېلى يېنىكلەيدىكەن دېدى. پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئىزچىل مائارىپ، ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇل ئۆسۈمى، ئۆي ئىجارىسى، ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق ئالتە تۈرنى شەخسى تاپاۋەت بېجىنىڭ مەخسۇس تۈرىدە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قولايلىق ھىس قىلغىنى شۇ بولدىكى يانفون تېرمىنالى ياكى باج ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئۇچۇرنى تولدۇرۇش ناھايىتى قولاي، بۇنىڭ بىلەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ. ئەڭ بالدۇر يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئۇچۇر تولدۇرغان بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى لى جېلىن: بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ناھايىتى ئېنىقكەن، تولدۇرىدىغان جاينى ناھايىتى تېزلا تاپقىلى بولىدىكەن، ئاسان، قولاي ئىكەن دېدى. 

    ئۆتكەن يىلى ھەممە قىزىقىپ كۆرگەن «مەن دورا ئىلاھى ئەمەس» فىلىمى جەمئىيەتنىڭ راكقا قارشى دورىلارغا بولغان دېققىتىنى قوزغىدى، پۇقرالارنىڭ دورا ئىشلىتىش يۈكىنى ھەققىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن 2019-يىلى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يېڭى سىياسەتلەر چىقىرىلدى، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو 706خىل توۋارغا ۋاقىتلىق ئىمپورت بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى 94 خىل توۋاردىن ئېكىسپورت تاموژنا بېجى ئالمايدىغان بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە دورا خامماتىرىيالى راككا قارشى نۇرغۇن دورا خام ماتېرىيالى ۋە ئاز كۆرىلىدىغان دورا خام ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 2019-يىلى باج نىسبىتى ۋاقىتىنچەنۆل قىلىپ بېكىتىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت يەنە تەقلىدىي دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىپ قېلىپلاشتۇرۇشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە، دۆلەت يەنە تەقلىدىي دورا تېخنكىسى تەتقىقادىنى دۆلەتلىك پەن تېخنىكا پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بازارغا سېلىنغان دورىلارنىڭ سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تۇنجىي تۈركۈمدىكى تەقلىدىي دورا مۇندەرىجىسىنى بۇ يىل 6-ئايدا چىقىرىدۇ. 2020-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەقلىدىي ياساشقا ئىلھام بېرىلىدىغان دورا مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. 

    بۇنىڭغا قارىتا خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھەرلىك جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى جاڭ يوڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ۋە بىمارلار ئوخشاشلا خوشال بولدۇق، ناھايىتى كۆپ دورىلارنى ئەسلى بىمارلار ئىلگىرى ئىشلىتەلمەيتتى، يېڭى سىياسەت دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە كۆپ تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ھەم بىمارلارنىڭ ئازابى يېنىكلەپ، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشىلاندى، ھەم بىمارلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكى يېنىكلىدى. 

    يەسلى مائارىپى ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى، بۇنىڭ ئورنىنى ھىچنىمە باسالمايدۇ. « جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيادىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكرى»دە: 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون،مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ئولتۇراق رايوندىكى يۈرۈشلۈك يەسلە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشى كېرەك، يۈرۈشلۈك يەسلىلەرنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇشى ياكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇشقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك، پايدا ئالىدىغان يەسلى قىلىشقا بولمايدۇ، يۈرۈشلۈك يەسلىلەرنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش، قىسقارتىش، توختىتىش، قۇرماسلىق ياكى قۇرسىمۇ تاپشۇرماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئۆزگەرتىلمەي تۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرىلمەيدۇ دەپ بېكىتىلدى. 

    نەنجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى يۈ يوڭپىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە مېخانىزمى ئەمەلىيەتتە مائارىپنى سۆيىدىغان ئەربابلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن پائال شۇغۇللىنىشىغا، شاپائەتلىك مەبلىغىنى ئەھمىيەتلىك مائارىپ ئىشلىرىغا سېلىشىغا مەدەت بېرىش ۋە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك